Chinese→Uyghur主要词典
俄国临时玫府
دۇنيا تارىخى
روسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى
روسىيە بۇرژۇئاـ پومېشچىكلار ھاكىمىيىتى. 1917-يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابىي چادپادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇرژۇئا دۆلەت دوماسىنىڭ ۋاقىتلىق كومېتىتى بىلەن پېتروگراد سوۋېتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقوقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان مېنشېۋىكلار ۋە سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىدىكىلەرنىڭ مەخپىي كېلىشىمى ئارقىلىق تەشكىللەنگەن. كادېتلار پارتىيىسىدىن بولغان كېنەز لىۋوۋ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى بولغان، كادېتلار پارتىيىسى بىلەن ئۆكتەبرچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىمـ ئايرىم ھالدا ھەر قايسى مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەن، بۇ ھۆكۈمەت خەلققە قارشى سىياسەتنى يولغا قويۇپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ئۆزلۈكسىز ئېلىپ بېرىپ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىشچىـ ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېت ھاكىمىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان. ئىچكى كابېنت ئۈچ قېتىم يەڭگۈچلەنگەن 4-ئايدىكى نامايىشنىڭ زەربىسى ئاستىدا 5-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇنجى قېتىم ئۆزگەتىپ تەشكىللەنگەن. ئەمما يەنىلا لىۋوۋنىڭ زۇڭلىلىقىدىكى مېنشېۋىكلار ھەم سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسىدىكىلەر قاتناشقان بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەن سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسىدىن بولغان كرىنسىكى زۇڭلى قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ھەم دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى بولۇپ بۇرژۇئازىيە گۇماشتىسى بولغان. 10-ئاينىڭ 8-كۈنى كرىنسىكى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش سۈيىقەستىنى ئىشقا سېلىپ، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلغان. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى پېتروگراد ئىشچىلىرى بىلەن ئەسكەرلىرى بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. <ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى>غا قارالسۇن.