Chinese→Uyghur主要词典
俄国二月革命
دۇنيا تارىخى
روسىيە فېۋرال ئىنقىلابى
روسىيە ئىككىنچى قېتىملىق بۇرژۇئا دېمۇكراتىك ئىنقىلابى 1917-يىلى رۇس كالىندارى بويىچە ئىككىنچى ئايدا يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە روسىيە ئىقتىسادى خارابلىشىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، ئىجتىمائى زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ ئىنقىلاب ۋەزىيىتى كۈنساناپ پىشىپ يېتىلگەن 1719-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنى(رۇس كالىندارى بويىچە 2-ئاينىڭ 18-كۈنى) پېتروگرادتىكى پوتىلوۋ زاۋۇتىنىڭ ئىشچىللىرى ئىش تاشلاشنى باشلاپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر قايسى زاۋۇتلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن. 10-كۈنىگە كەلگەندە ئىشچىلار ھەرىكىتى تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە ئاچارچىلىققا قارشى، ئۇرۇشقا قارشى، چار پادىشاھ تۈزۈمىگە قارشى ئوموميۈزلۈك سىياسىي ئىش تاشلاشقا ئايلانغان. <يوقالسۇن چار پادىشاھ>، <يوقالسۇن ئۇرۇش>،<بولكا> قاتارلىق ئىنقىلابىي شۇئارلار ئوتتۇرغا قويۇلغان. 11-كۈنى بولشېۋىكلار پارتىيىسى پېتروگراد كومېتىتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ئىش تاشلاش ھەرىكىتى قوراللىق قوزغىلاڭغا ئۆزگەرگەن. 12-كۈنى(رۇس كالىندارى بويىچە 2-ئاينىڭ 27-كۈنى)قوزغىلاڭ پۈتكۈل شەھەرنى قاپلاپ پايتەخت تۇرۇشلۇق قىسىملارمۇ قوزغىلاڭغا قاتناشقان. قوزغىلاڭچى ئىشچىلار بىلەن ئەسكەرلەر چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىر ۋە گېنراللىرىنى قولغا ئېلىپ، چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىمۇ ئارقائارقىدىن ئاۋاز قوشۇپ، چار پادىشاھنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەتلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئىنقىلابتىن كېيىن قوزغىلاڭچى ئىشچىلار بىلەن ئەسكەرلەر، ئىشچىـ ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىنى تەشكىللىگەن. بۇرژۇئازىيە مېنشىۋىكلار بىلەن سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ<ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت>قۇرغان. نەتىجىدە ئىككى ھاكىمىيەت بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن، شۇڭا لېنىن يەنە پارتىيە ۋە خەلىققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا تەييارلىق كۆرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان<ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى>غا قارالسۇن.