Chinese→Uyghur主要词典
俄法一八一二年战争
دۇنيا تارىخى
1812-يىلدىكى روسىيەفرانسىيە ئۇرۇشى
روسىيە خەلقىنىڭ ناپولېئوننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۆزىنى قوغداش ئۇرۇشى. ناپولىئون ياۋرۇپانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، 1812-يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، 500 مىڭ كىشلىك قوشۇننى باشلاپ، نېمان دەرياسىدىن ئۆتۈپ رەسىيەگە ھۇجۇم قىلغان. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە روسىيە ئارمىيسى ئوسال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، بىراق سىمولىنىسكى قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىگە توسۇپ زەربە بەرگەن. 8-ئايدا كوتوزوۋ روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 9-ئاينىڭ 7-كۈنى موسكۋا ئەتراپىدىكى بورودىنو كەنتىدە فرانسىيە ئارمىيىسىابىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، ناپولىئون Ⅰنىڭ قوماندانلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسىگە توسۇپ زەربە بەرگەن. لېكىن روسىيە ئارمىيىسى جانلىق كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 14-سېنتەبر كۈنى موسكۋاغا ئوت قويۇۋېتىپ، تاشلاپ چىقىپ كەتكەن. فرانسىيە ئارمىيىسى شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، روسىيە خەلقى قوزغىلىپ، ئۆزىنى قوغدىغان. فرانسىيە ئارمىيىسى ھەممىلا تەرەپتىن زەربىگە ئۇچراپ، ئوق دورىلىرى تۈگەپ، ئوزۇق تۈلۈكسىز قالغانلىقتىن 10-ئاينىڭ 19-كۈنى شەھەرنى تاشلاپ، غەربكە چىكىنىشكە مەجبۇر بولغان. روسىيە ئارمىيىسى بىلەن پارتىزانلار غەلىبىسىرى ئىلگىرلەپ، فرانسىيە ئارمىيىسىگە قوغلاپ زەربە بەرگەن. 12-ئايدا ناپولىئون ئۆز ئارمىيىسىنى تاشلاپ، پارىژغا قېچىپ كەتكەن، قالدۇق قىسىملىرى روسىيە زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. فرانسىيە ئارمىيىسىدىن 470 مىڭ ئادەم چىقىم بولغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا روسيە خەلقى دۆلەت مۇستەقىللىقىنى قەھرىمانلارچە قوغداپ قالغان.