Chinese→Uyghur主要词典
俄波战争
دۇنيا تارىخى
روسىيە - پولشا ئۇرۇشى
(1) 1654 - 1667-يىللىرىدىكى روسىيە بىلەن پولشانىڭ ئوكرائىنا بىلەن بىلوروسىيىنى تالىشىش ئۇرۇشى. شۋېتسىيە، قىرىم خانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ قاتناشقان. 1651-يىلى ئەتىيازدا پولشا قوشۇنلىرى ئوكرائىنانىڭ غەربىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ئىككىنچى يىلى ئوكرائىنانىڭ باش ئاتامانى خىمىلىنىسكى چارروسىيىدىن بىرلىكتە ئەسكەر چىقىرىپ قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1653-يىلى چارروسىيە ئوكرائىنا بىلەن بىلوروسىيىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن پولشاغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ئىككىنچى يىلى ئۇرۇش پارتلىغان. روسىيە قوشۇنلىرى شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، سىمولىنسكى، مىنىسكى قاتارلىق شەھەرلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئىشغال قىلغان. يەنە خىمىلىنىسكى قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلىپ، پولشا قوشۇنلىرىنى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىشىۋالغان قىرىم خانلىقىنىڭ قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ، ئوكرائىنانىڭ غەربىي قىسمىنى ئىشغال قىلغان، پولشاغا بېسىپ كىرىپ لوبلىننى ئىگىلىگەن. 1656-يىلى شۋېتسىيە پولشانىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، پولشا بىلەن روسىيىنىڭ سۈلھ قىلىپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولغان. شۇ يىلى روسىيە بالتىق دېڭىزىغا تۇتىشىدىغان دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، شۋېتسىيە بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلغان، ئۇرۇش بىر قانچە يىللارغىچە داۋاملىشىپ، ھەر ئىككى تەرەپتە يېڭىش - يىڭىلىشلار بولغان. 1661-يىلى شۋېتسىيە بىلەن <كالگىس سۈلھ شەرتنامىسى> نى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى زېمىنلىرىنى ساقلاپ قالغان. پولشانىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش سەۋەبىدىن شۋېتسىيە پولشادىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، پولشا روسىيە قوشۇنلىرىغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلغان. 1667-يىلى، ئۇرۇش بەكمۇ ئۇزاققا سوزۇلۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئاخىرى ئاندۇسۇۋو (سىمولىنسكى ئەتراپىدىكى بىر كەنت) تا <ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى> ئىمزالىنىپ، ئوكرائىنا بىلەن بىلوروسىيىنىڭ دېنپىر دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى بۆلىكى روسىيىگە تەۋە، كىيىۋ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى روسىيە ئىككى يىل ئىگىلەپ، پايدىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. (1686-يىلى روسىيە ىيىۋنى قايتۇرۇۋالغان). ئۇرۇش شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان. (2) ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا روسىيە بىلەن ئىران (قەدىمكى پېرسىيە دەپ ئاتالغان) نىڭ كاپكازنى تالىشىپ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. بۇ ئۇرۇش ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان. بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇش (1804 - 1813)، ئىككى دۆلەتنىڭ گىروزىيىنى تالىشىشىدىن كېلىپ چىققان. 1804-يىلى روسىيە ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. دەسلىپىدە روسىيە قوشۇنلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، كېيىن ئىران ئۇدا بىر قانچە قېتىم مەغلۇپ بولغان. ئارىلىقتا ئىران ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە تۈركىيىلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1812-يىلى 10-ئايدىكى ئاسلاندۇز جېڭىدە ئىران قوشۇنلىرى قاتتىق مەغلۇپ بولغان. 1813-يىلى 10-ئايدا ئىككى تەرەپ گۈلىستان دېگەن جايدا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان. شەرتنامىگە ئاساسەن: ئىران روسىيىگە كىروزىيە قاتارلىق جايلارنى كېسىپ بېرىش؛ ئېران ئۆزىنىڭ كاسپىي دېڭىزا دېڭىز ئارمىيىسى تۇرغۇزۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش؛ روسىيىنىڭ كاسپىي دېڭىزدا دېڭىز فلوتى تۇرغۇزشتەك پەۋقۇلئاددە ئىمتىيازدىن مۇستەقىل بەھرىمەن بولۇشىغا ماقۇل بولۇش، روسىيە بولسا، ئابباس مىرزا (1783 - 1833) نىڭ ئىراننىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشنى قوللاش ھەم ئۇنىڭغا كاپالەلتىك قىلىش بەلگىلەنگەن. 1814-يىلى 11-ئايدا، چارروسىيىنىڭ ئىراندىكى تەسىر كۈچىنى توسۇش ئۈچۈن ئەنگلىيە بىلەن ئىران روسىيىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يېڭى ئىتتىپاق شەرتنامىىنى ئىمزالىغان. كەينىدىنلا روسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش (1826 - 1828) پارتلىغان. ئاقىۋەت يەنىلا ئىراننىڭ يېڭىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. ئىككى تەرەپ 1828-يىلى 2-ئايدا <توركمەنچايى سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. ئىران ئۆزىنىڭ جەنۇبى كاپكازدىكى بارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن، تۆلەم ئۈچۈن 20 مىليون رۇبلى تۆلىگەن. روسىيىنىڭ ئىراندا كونسۇللارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىدىن ۋە سىياسىي ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى پەۋقۇلئاددە ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشىغا ماقۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئالاھىدە بىر سودا شەرتنامىسىمۇ ئىمزالانغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىران يېرىم مۇستەملىكىلىك يولىغا قەدەم قويغان.