—参考资料
ئاخۋېنانما تاقىم ئاراللىرى
领域: دۇنيادىكى شەھەرلەرئالاند تاقىم ئاراللىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاراللار ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى بالتىق دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، بالتىق دېڭىزىغا تەۋە بوتنىك قولتۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. بۇ ئاراللار سىياسىي جەھەتتىن فىنلاندىيىگە تەۋە بولۇپ، فىنلاندىيە قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 كىلومېتر، غەربتىكى شىۋېتسىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئاراللار چوڭ - كىچىك 6500 دىن ئوشۇق ئارال ۋە خادا تاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى ئالاند ئارىلى بولۇپ، ئۇنىڭ يەر مەيدانى 640 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. پۈتۈن تاقىم ئاراللارنىڭ مەيدانى 1481 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئاراللاردا ئولتۇراقلاشقان ئاھالە 22 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى شىۋېتسىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئاراللار ئىچىدىكى 80 گە يېقىن ئارالدا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. ئاخۋېنانما تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى — مارىيە پورتى بولۇپ، ئۇ فىنلاندىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ پورت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى مۆتىدىل، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسەن بۇغداي، ياڭيۇ، سەي، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. بېلىقچىلىق بىلەن قاتناش ترانسپورتى تەرەققىي قىغان.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。