—参考资料
ئاخباراتنىڭ مۇھىم ئامىللىرى
ئاخباراتنىڭ تارقىلىشى
ئاخبارات دېگەن نېمە، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئۇزاقتىن بۇيان مۇنازىرە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارايدۇ: ئاخبارات يېڭى يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىشتىن ئىبارەت، ئۇ جامائەتكە خىلمۇخىل ئۇچۇرلارنى تارقىتىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. تار مەنىدىكى ئاخبارات ئاخبارات يېزىقچىلىقى ژانىرلىرىدىكى «خەۋەر» نى كۆرسىتىدۇ، كەڭ مەنىدىكى ئاخبارات بولسا، خەۋەر، تەسۋىرىي خەۋەر، ئوچېرك قاتارلىق ئاخبارات ژانىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
غەرب ئاخباراتچىلىرى19 - ئەسىرنىڭ80 - يىللىرىدىلا بەشW نى خەۋەر يېزىقچىلىقىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك «بەش ئامىل» قىلغان. ئۇلار قاچان (NEHW)، قەيەردە (EREHW)، كىم (OHW)، نېمە بولدى (TAHW)، نېمە ئۈچۈن (YHW) دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى، كېيىن يەنە نەتىجىسى قانداق بولدى (WOH) دېگەننى قوشتى. مۇشۇ بەشW، بىر H ئاخباراتنىڭ ئالتە ئامىلى دەپ ئاتىلىپ كەلدى. مۇشۇ ئامىللارنى ياخشى تۇتقاندىلا، خەۋەرنى چۈشىنىشلىك، مېغىزلىق، چىن، كونكرېت يازغىلى بولىدۇ. لېكىن ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغاچقا، باي مەزمۇنلۇق خەۋەر بىر قېلىپتىلا يېزىلىدىغان بولسا، ئامىللىرى تولۇق بولغان تەقدىردىمۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشى ناتايىن. بۇ، كىشىلەردىن ئەمەلىيەت جەريانىدا تەجرىبە توپلاشنى تەلەپ قىلىدۇ، تەجرىبە بولغاندىلا، ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرىدىغان خەۋەرلەرنى يازغىلى بولىدۇ.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。