Uyghur主要词典
دېۋا
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 170 - 270)،مەنىسى <تەڭرى> ياكى <مۇقەددەس تەڭرى> دېگەنلىك بولىدۇ. قەدىمكى ھىندىستاندىكى بۇددا دىنى ئالىمى. ناگارجانىڭ شاگىرتى. ناگارجۇناغا ۋرىسلىق قىلىپ، بۇددا دىنىدىكى ماديامىكا مەزھىپىنىڭ ئەقىدىلىرىنى تەرغىپ قىلغان؛ جايلارغا ساياھەت قىلىپ، غەيرىي ئەقىدىلەرگە رەددىيە بەرگەن. كېيىن قەتلى قىلىنغان. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن <تۆتيۈز مۇھاكىمە>، <يۈز خەتلىك مۇھاكىمە>، <تۆتيۈز ماديامىكا مۇھاكىمىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.