Uyghur主要词典
دېھقانىلىق تەلىماتى
دۇنيا تارىخى
كىتاب نامى. چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى يېزا ئىگىلىكى ھەققىدىكى ئەسەر. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىلىرىدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن، شىزۇڭ مەزگىللىرىدە (1418 - 1450) چاۋشيەن يېزا ئىگىلىكىگە دائىر كىتاب تۈزۈپ چىقىشقا كىرىشكەن؛ ھەرقايسى ۋىلايەت تەپتىشلىرىنى ئۆز تەۋەلىكىدىكى پېشقەدەم دېھقانلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، رەتلەپ چىقىشقا بۇيرۇغان. بۇنى ئۆلىما - چىن جېڭجاۋ قاتارلىق كىشىلەر تەييارلاپ، 1429-يىلى كىتاب بولۇپ چىققان. ئۇ ئۆز ئىچىگە ئۇرۇقلۇق تەييارلاش، يەر ئاغدۇرۇش، كەندىر، شال، تېرىق، سۆك، ئارپا، سويا پۇرچاق، ماش، سېرىق پۇرچاق، ئارپا، بۇغداي، زىغىر، قارا بۇغداي تېرىش قاتارلىق 10 نەچچە خىل مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇسلۇبى قىسقا، ئاممىباب ئاتالغۇلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شۇ يۇرتنىڭ نامى بىلەن ئىزاھلانغان ھەمدە قەدىمكى تىللار ۋە دېھقانچىلىققا دائىر تەمسىللەر ئىلاۋە قىلىنغان. بۇ كىتاب جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى كاڭشى خان مەزگىللىرىدىمۇ نەشر قىلىنغان.