Uyghur主要词典
دۇخونېن
دۇنيا تارىخى
(1876-1917)روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي كاتتىباشلاردىن بىرى ئەسلىدە روسىيە ئارمىيىسى گېنرال لېيتېنانتى. باش شىتاب ئونۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇش سېپىنىڭ شىتاب باشلىقى بولغان. كىرېنسىكى ئالىي باش قوماندانلىق شتابىنىڭ شىتاب باشلىقى بولغان. ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ مەزگىلىدە پائال تۈردە پېتروگرافقا قوشۇن يۆتكەپ كېلىپ ئىنقىلابنى يوقىتىپ بۇرژۇئا ھاكىمىيىتىنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن كىرېنكىسى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەندە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1917-يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيە، ئاۋسترىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىپ دەرھال تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى ئىجراقىلىشنى رەت قىلغاندىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان كېيىن ھەقىقەتكە قايتقان ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.