Uyghur主要词典
دۇنكان
دۇنيا تارىخى
(1878 - 1927) ئامېرىكىلىق ئايال ئۇسسۇلچى. سان - فرانسىسكۇدا تۇغۇلغان. ئۇ ئىجاد قىلغان يۇنان ئۇسلۇبىدىكى ئەركىن ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە ئۇسسۇلچى، كلاسسىك بالېت ئۇسسۇلى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتى گۈزەل، تەبىئىي بولۇپ، ئىچكى ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ بەرگەن. 1900-يىلى پارىژدا قويغان ئويۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. 1904-يىلى بېرلىندا ئۇسسۇل سىنىپى ئاچقان ھەمدە ئۇسسۇل ئۆمىكى تەشكىللەپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ سەييارە ئويۇن قويغان. بىر نەچچە قېتىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغان ھەمدە موسكۋادا ئۇسسۇل سىنىپى تەسىس قىلغان ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي ئۇسسۇللۇق تىياتىر <قىزىل بايراق> نى قويغاچقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پارىژدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، كېيىن نىستا يۈ بەرگەن ماشىنا ھادىسىسىدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ: <مارسېل مارشى>، بېتخوۋننىڭ <يەتتىنچى سىمفونىيىسى>، مىندېرسۇننىڭ <باھار> ۋە چايكوۋىسكىنىڭ <سلاۋىيان مارشى> قاتارلىق ئاساسلىق ئۇسسۇل ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالى بولغان <مېنىڭ ھاياتىم> دېگەن ئەسىرىمۇ بار.