Uyghur主要词典
دۇنيا ئىسلام ئىجتىمائىي تەشكىلاتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئامېرىكىدىكى مەملىكەتلىك نېگىر مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بولۇپ، بۇرۇن <ئىسلام مىللەتلىرى> دەپ ئاتىلاتتى. 1977 - يىلى <ئىسلام ئورتاق گەۋدىسى> ياكى <بىلالىيە> دېيىشكە ئۆزگەرتىلدى؛ 1980 - يىلى نامى <ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي تەبلىغات ئۇيۇشمىسى> غا ئۆزگەرتىلدى. بۆلگۈنچىلىك تەشەببۇسىدىن ۋاز كەچتى، ئەنئەنىۋى دىنىي تەشەببۇسىدىن ۋاز كەچتى، ئەنئەنىۋى دىنىي ئېتىقادىغا يۈزلەندى. 80 - يىللارنىڭ باشلىرى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلدى. باش ئورگىنى چىكاكودا. ئامېرىكىدىكى نېگىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي تونۇشىنى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىنى قوغداشنى مەقسەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى. زامانىۋى مەكتەپ، كىتابخانىلارنى سېتىۋالدى، مەسچىت ۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى زور كۈچ بىلەن سالدى. <مۇسۇلمانلارنىڭ يۇلتۇزى>، <ئىسلامىيەت>، <ئادالەت يولى>، <ئىسلام ئىشلىرى>، <ئۇچۇر> قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللارنى چىقاردى.