Uyghur主要词典
دۇنياۋى ياشلار تەشكىلاتلىرى
领域: خەلقئارا تەشكىلاتلاردۇنياۋى ياشلار تەشكىلاتىدىن ئاساسلىقى: دۇنيا دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ياشلار خەلقئارا ئىتتىپاقى بار.
دۇنيا دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى1945 - يىلى11 - ئايدا لوندوندا قۇرۇلغان. جۇڭگو بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساس سالغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى.1986 - يىلى بۇ ئىتتىپاق131 دۆلەتتىكى287 ئەزا تەشكىلاتقا ئىگە بولدى. ئەزا تەشكىلاتلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقوقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. ئىجرائىيە كومىتېتى ھەر يىلى بىر - ئىككى قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. بۇ ئىتتىپاق كۆپ قېتىم دۇنيا ياش ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش بايرىمىغا ئوخشاش خەلقئارا پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى.
سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ياشلار خەلقئارا ئىتتىپاقى1907 - يىلى گېرمانىيىنىڭ شتۇتگارت شەھىرىدە قۇرۇلغان،1946 - يىلى پارىژدا قايتا قۇرۇلدى.40 دۆلەتتىكى55 تەشكىلات بۇ ئىتتىپاققا رەسمىي ئەزا. باش شتابى ۋيېنادا. بۇ تەشكىلاتنىڭ باياناتى: »جاھانگىرلىككە، فاشىزمغا ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش«، »ئەركىنلىك، ھەققانىيلىق، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە سوتسىيالىزم« نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بۇ تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ80 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش بايرىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。