Uyghur主要词典
دۇيسبۇرگ
بىئولوگىيە
گېرمانىيىدىكى رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان ئەڭ مۇھىم سانائەت ھەم قاتناش مەركىزى، ئاھالىسى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەر ئوتتۇرا ئەسىردە مۇھىم سودا شەھىرى بولغان. ھازىر گېرمانىيە بويىچە يىلىغا 4 مىليون توننا پولات ئىشلەپچىقىرالايدىغان چوڭ تىپتىكى يەتتە پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ بەشى بۇ شەھەرگە جايلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، خىمىيە، يېمەك - ئىچەك، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. دۇيسبۇرگ گېرمانىيىنىڭ رېين رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، غەربىي ياۋروپا بويىچە بىرىنچى چوڭ دەريا پورتى. بۇ جايغا رېين دەرياسى ئارقىلىق 5000 توننىلىق ئوكيان پاراخوتلىرى كېلەلەيدۇ. بۇ پورت ئارقىلىق سىرتتىن ئېلىنىدىغان تۆمۈر رۇدىسى، نېفىت، ياغاچ ماتېرىيالىرى، كۆمۈر قاتارلىق خام ئەشيالار سانائەت ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سانائەت مەھسۇلاتلىرى چەت ئەلەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. دۇسيبۇرگ شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ دائىرىسىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيدى. 1908 - يىلى شىمالىي قىسمىدىكى رۇرئوت دۇيسبۇرگنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قوشۇلدى.