Uyghur主要词典
دۇنيا مۇسۇلمان ياشلىرى كېڭىشى
领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرىدۇنيادىكى مۇسۇلمان ياشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتى بولۇپ، 1972 - يىلى قۇرۇلدى. باش ئورگىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى رىيادتا. مەقسىتى: ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پائالىيەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، مۇسۇلمان ئاز سانلىق ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىبارەت. مۇسۇلمان ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشنى ھەر خىل شەكىلدە كۆپەيتىش؛ يېزىش، تەرجىمە قىلىش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە تارقىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش؛ خەلقئارا ئىسلام ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ۋە ئىسلام ياشلىرىنىڭ باشقا تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش جايلارىدكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ياردەملىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 10 نەچچە قېتىم چوڭ يىغىن ئاچتى، ياشلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆپ قېتىم ئۆتكۈزدى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。