Uyghur主要词典
دۇنيالىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. دۇنيادا لازىم بولىدىغان نەرسە.
مەن دۇنيالىقنى تاشلاپ، تەركىدۇنيا بولۇپ، چۆل - باياۋاندا ئىبادەت قىلىپ يۈرگەنىدىم.
سۈپ. بۇ دۇنيادا ئېرىشكەن، ھاياتىدا، ئۆمرىدە تاپقان.
سەلىمە ئۇنىڭ دۇنيالىق بىرلا بالىسى ئىدى.
سۈپ. دۇنيادىكى؛ دۇنيادا ئەسقاتىدىغان، يار - يۆلەك بولىدىغان.
شۇ ئاچقۇچنىڭ خاسىيىتىدىن ئۇنىڭ قولى ئۇزىراپ، ئەتراپىدا پەرۋانە بولىدىغان <ئىككى دۇنيالىق> دوستلىرى كۆپەيگەنىدى.
ئى. ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى <دا، تا> بىلەن كېلىپ <دۇنيادا، ئۆمرىدە، ھاياتىدا> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ، دۇنيالىقتا بىرلا جانجىگەر ئوغلى سۇتۇقتىن ئەندىشە قىلاتتى.