Uyghur主要词典
دۇمۇرې
دۇنيا تارىخى
(1739 - 1823) فرانسىيىلىك گېنېرال. ئوفىتسېرلىقتىن كېلىپ چىققان. 1758-يىلى ھەربىي سەپكە كىرگەن، يەتتە يىللىق ئۇرۇشقا قاتناشقان، كېيىن پولكوۋنىك بولغان. پولشا ۋە ھامبۇرگقا بېرىپ مەخپىي دىپلوماتىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، كېيىن سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغالىقتىن، قولغا ئېلىنغان. 1774-يىلى قويۇپ بېرىلىپ، ھەربىي ئۇنۋانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1778-يىلى شېربۇر قورۇلىنىڭ قوماندانى بولغان. 1790-يىلى ياكوبىنچىلارغا قاتنىشىپ، نانتنىڭ قوماندانى بولغان ھەمدە مىرابو، لافايېت ۋە ئورلىئان گېرتسوگى بىلەن دوست بولغان. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى ەۋرىدە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچىلەرگە مەنسۇپ بولغان، قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى دەۋرىدە گروندىچى بولغان. 1792-يىلى 3-ئايدا گروندىچىلار ئىچكى كابېنىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، كۆپ ئۆتمەي ئىستېپا بېرىپ، شىمالىي يول ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. ۋالمى جېڭى قاتارلىق غالىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن بېلگىيىگە يۈرۈش قىلغان، گوللاندىيىدە مەغلۇپ بولغاچقا، مىللىي ئۇيۇشما تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇ ۋەزىپىدىن بوشىتىش بۇيرۇقىنى رەت قىلىپ، ئاۋسترىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پارىژغا قوشۇن تارتىپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قەستلىگەن بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. 1793-يىل 4-ئانىڭ 5-كۈنى ئارمىيىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن، كېيىن ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلاشقان. <گېنېرال دۇمورېنىڭ ھاياتى ۋە ئەسىرى> ناملىق ئەسلىمىسى بار.