Uyghur主要词典
دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان ئىچى قۇرۇق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان، ئىچى قۇرۇق»بۇ، نامىغا، ھەيۋىتىگە، داۋرىڭىغا لايىق ئەمەلىيىتى، نەتىجىسى يوق ئىش - ھەرىكەتكە قارىتىلغان ئىبارە: - ياشانغانلارنى ئۇنداق ھۆرمەت قىلىمىز، مۇنداق ھۆرمەت قىلىمىز دېگەنلىرى قۇرۇق گەپ ئىكەن، قۇرۇق گەپكە قورساق تويامدۇ! دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان، ئىچى قۇرۇق، دېگەن مۇشۇ دە، - دېدى ھەمراھىغا.