Uyghur主要词典
دۇما
دۇنيا تارىخى
رۇسچە ئۆي - ДУАМА نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. چارروسىيە مەركىزىي ۋە يەرلىك مەسلىھەت ئورگىنىنىڭ ئاتىلىشى. (1) چوڭ ئاقسۆڭەكلەر دۇماسى. بۇ بويارلار دۇماسى ياكى فېئودال خوجىدارلار دۇماسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅤ - ⅩⅦ ئەسىرلەردىكى روسىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ مەسلىھەت ئورگىنى. دەسلەپ كىنەز ۋە تۆرىلەر تىزگىنلەپ كەلگەن، كېيىنرەك چار پادىشاھى تىزگىنلىۋالغان. 1711-يىلى پېتر Ⅰ كېڭەش پالاتاسى تەسىس قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان، فېئودال خوجىدارلار دۇماسى قۇرۇق نەرسىگە ئايلانغان. (2) شەھەرلىك دۇما. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئاۋۋالقى روسىيىدىكى شەھەر كېڭەش پالاتاسى. 1785-يىلى قۇرۇلغان. نەسەب - تەبىقە ۋەكىللىردىن تەشكىل تاپقان. 1870-يىلى شەھەر مەمۇرىيىتى ئىسلاھاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەكىللىرى مال - مۈلۈك سالاھىيىتى بويىچە ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ سايلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى، چوڭ بۇرژۇئازىيە بىلەن يۇقىرى تەبقە ئاقسۆڭەكلەر تىزگىنلىۋالغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن تارقىتىۋىتىلگەن. (3) دۆلەت دۇماسى. چارروسىيىنىڭ دۆلەت پارلامېنتلىق ئورگىنى. 1906-يىلى قۇرۇلغان. دەسلەپ مەسلىھەت ئورگىنى بولۇپ، كېيىن قانۇن چىقىرىش ئورگىنىغا ئايلانغان. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ جەمئىي تۆت نۆۋەت (1906، 1907، 1907 - 1912، 1912 - 1917 - يىللىرى) چاقىرىلغان. ئۇ، چار پادىشاھنىڭ روھىيىدىكى ئاساسلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئورگىنىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆكتەبر ئىنقىلابى ھارپىسىدا تارقىتىۋېتىلگەن.