Uyghur主要词典
دىت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەڭ مۇۋاپىق چارە - تەدبىر.
ئەلگەك سوراشقىمۇ ئەپ كېرەك. ئېپى ئەلسە، سېپى ئۆزىدىن چىقار. ئېچىنى تاپقان چۈمۈلىنى تاقىلار. ھەرئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم. دىتى يوق ئەردىن دىتى بار بالا ئەلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
گۈزەللىكنى، نەپىسلىكنى ھېس قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئېستېتىكىلىق زوق ئېلىش قابىلىيىتى.
ئۇ تۇرمۇشنى يازغۇچىلىق دىت بىلەن كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
نىيەت، كۆڭۈل، راي.
قارىيەنىڭ بۇ گەپلىرى ئاغرىق كالىغا پىچاق سۈرگەندەك غۇلامنىڭ دىتىغا راسا ياقتى.
ئەقىل، ھوش، پەم، ئىدراك.
دىتى بار ئادەم. دىتى يوق، دىتى يەتمەك. دىتى يەتمەك.
ھەممىمىز نامان تاغىنىڭ بۇ ياشىنىىپ قالغان بوۋاينىڭ دىتىغا قايىل بولۇپ، كۈلۈشۈپ كەتتۇق.