دىپلوماتىيە بىلىملىرى
بىر دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇۋاتقان چەت ئەل دىپلوماتىيە ۋەكىلى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن بەرگەن ئالاھىدە ھوقۇقى دىپلوماتىيىلىك ئىمتىياز دېيىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن: جىسمانىيىتى، ئىش بېجىرىش ئورنى، تۇرالغۇسى، خەت - چەك، ئارخىپى، مال - مۈلكىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگىلى بولمايدىغانلىق، تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ھۆكمى ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولمايدىغانلىق، شېفىرلىق خەۋەرلىشىشنى قوللىنىش ۋە دىپلوماتىيە ئالاقىچىسى ئەۋەتىش؛ تاموژنا بېجى ۋە باشقا ئالۋان - ياساق بېجى ئالماسلىق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، بارلىق دىپلوماتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇن - بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق مەجبۇرىيىتى بار.