Uyghur主要词典
دوستويېۋىسكىي
دۇنيا تارىخى
(1821 - 1881) روسىيىلىك يازغۇچى. موسكۋادا بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھەربىي قۇرۇلۇش مەقتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1844-يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ كەسپىي يازغۇچى بولغان. 1846-يىلى<نامراتلار>دېگەن پوۋېستنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئېچىنشلىق تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. 1849-يىلى فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى پېتراشېۋىسكى(1821-1866)كۇرژوكىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كېيىن ھۆكۈم تۆت يىللىق ئەمگەك جازاسىغا ئۆزگەرتىلىپ، سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن ئىنقىلابىي ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، دىندىن چىقىش يولى ئىزدىمەكچى بولغان. 1861-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ<خورلانغانلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار>،<جەھەننەم خاتىرىسى>.<جىنايەت ۋە جازا>، <ھاماقەت>دېگەن رومانلارنى يېزىپ، چار پادىشاھ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ خىلمۇخىل جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان، لېكىن پاسسىپ ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى بىلەن تولغان 1873-يىلى<ئىبلىس>دىگەن رومانىنى يازغان. 1880-يىلى ئاخىرقى ئەسىرى<ئائۇكا كارامازوۋلار>نى يېزىپ<روھنى پاكىزلەپ تەقدىرگە ئىتائەت قىلىش>دېگەن ئىدېئالىزىملىق سەپسەتىنى تەرغىپ قىلغان