Uyghur主要词典
دوست يىغىلىتىپ ئېيتاردۈشمەن كۈلدۈرۈپ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«دوست يىغىلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ»بۇ، ياخشى نىيەتلىك ئادەم كۆڭۈل ئاياپ ئولتۇرماي سەمىمىي نەسھەت قىلىدۇ، يامان نىيەتلىك ئادەم كۆرۈنۈشتە ياخشىچاق بولۇپ، يالغاندىن كۆپتۈرۈپ ماختايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: - بۇرۇنقىلار دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ دەپتىكەن. مەن گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتاي، ئالتە شەھەردىن بۇ يەرگە كېلىپ ئەمدى ئۈرۈمچىگە بارمايمەن دېيىشلىرى خاتا، - دېدى تاھىر بەگ.