Chinese→Uyghur主要词典
东国舆地胜览
دۇنيا تارىخى
شەرقىي زېمىننىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى
چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن يەر جاي تەزكىرىسى. 1481 - يىلى (چېڭ زۇڭ 12 - يىلى) پۈتكەن، جەمئىي 50 جىلد. 1486 - يىلى يەنە <دامىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى>دىن پايدىلىنىپ، تولۇقلىنىپ، 55 جىلدلىق <يېڭى يېزىلغان ئەل زېمىننىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى> قىلىپ تۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنغان. 1499 - يىلى (يەن شەن 5 - يىلى)قايتا بېكىتىلىپ نەشىر قىلىنغان. 1531 جۇڭ زۇڭ 26 - يىلى( لى شىن قاتارلىقلار پەرمان بويىچە يېڭى ئىشلارنى تولۇقلاپ يېزىپ، 55 جىلدلىق <يېڭىدىن تولۇقلانغان شەرقىي ئەل زېمىنىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى>نى تۈزۈپ چىققان، رېن چىڭ ۋەتەن ئۇرۇشىدا كىتاب بېتى چېچىلىپ كەتكەن، گۇاڭ خەي جۈن ۋاقتىدا بىرمۇنچە تۈزۈتىشلەر كىرگۈزۈلۈپ، 1611 - يىلى )گۇاڭ خەنجۈن 3 - يىلى( قايتا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇمۇميۈزلۈك قوللىنىلغانلىرىمۇ مۇشۇ قېتىمقى نەشىر نۇسخسىنى ئاساس قىلىشقان. كىتاب مەزمونى: ئىككى ئاستانە، سەككىز ۋىلايەت، ھەرقايسى ئايماق، ناھىيىلەرنىڭ ئايرىم قوشۇمچە قىلىنغان خەرىتىسى. قۇرۇلۇش جەريانى، ۋىلايەتنامى، ئىسىم - فامىلىسى، ئۆرپ - ئادىتى، گۈزەل مەنزىرىلەر، تاغ - دەريالار، شەھەر سېپىللىرى، تۇرلار، سارايلار، مەكتەپلەر، لەنگەر - ئۆتەڭلەر، كۆۋرۈكلەر، مەمۇرىي خىراجەت، بۇتخانىلار، ئىبادەتخانىلار،مازارلار، قەدىمكى خارابىلار، مەشھۇر ئەمەلدارلار، ئەدىبلەر، ۋاپادارلار، ئىپپەتلىك ئاياللار، سەرلەۋھىلىك مەدھىيىلەر تەرتىپ بويىچە مۇندەرىجەتۇرغۇزۇلۇپ ئايرىم خاتىرىلەنگەن. كىتابنى تۈزۈشتە ھەم بۇرۇنقى بارلىق مۇھىم يازما يادىكارلىقلار تەتبىق قىلىنغان، ھەم يەرلىكتىكى مۇناسىۋەتلىك شېئىر، ماقالىلەر، ئەدىبلەر يىغىپ رەتلەنگەن بولۇپ، يالغۇز يەر - جاي تەزكىرىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى مەدەنىيەت تارىخى قىممىتىگىمۇ ئىگە. ئىسىم - فامىلە تۈرى چاۋشيەن جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.