Chinese→Uyghur主要词典
东哥特王国
دۇنيا تارىخى
شەرقىي گوت پادىشاھلىقى
گوتلارنىڭ شەرقىي تارمىقى قۇرغان فېئوداللىق پادىشاھلىق. مىلادى 488 - يىلى، شەرقىي گوتلار پادىشاھى تېئودورىك قەبىلىسىنى باشلاپ ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. 493 - يىلى ئىتالىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بەدۋىلەرنىڭ ياللانما قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئودوئاكېرنى مەغلۇپ قىلىپ راۋېننانى ئىشغال قىلغان ھەمدە مەزكۇر شەھەرنى پايتەخت قىلىپ، شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنى قۇرغان، تېررىتورىيىسى ئىتالىيە يېرىم ئارىلى، سىتسىلىيە ئارىلى ۋە دالماتىيە (ئادرىياتىك دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان)لارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كېيىن يەنە پروۋانس (فرانسىينىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان)نىمۇ قوشۇۋالغان. شەرقىي گوتلار ئىتالىيىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى رىم مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، پارچىلىنىشى تېزلەشكەن، ئاز ساندىكى ئاقسۆڭەكلەر چوڭ يەر ئىگىلىرىگە ئايلىنىپ، قۇللار ۋە قۇل دېھقانلارنى ئىشلەتكەن؛ دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ۋە مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىمۇ كۆپىنچە رىمنىڭ كونا تۈزۈمى داۋاملاشتۇرۇلغان ھەمدە رىم ئاقسۆڭەكلىرى مۇھىم ئەمەللەرگە قويۇلغان. شەرقىي گوت ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن رىم ئاقسۆڭەكلىرى قوشۇلۇپ <يېڭى رىم پەرەسلەر> دەپ ئاتىلىپ، شەرقىي گوت ھەربىي ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن ئاددىي ئۇرۇق ئەزالىرى (<كونا گوتلار> دەپ ئاتالغان)نىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 535 - يىلى، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى جۇستىنىئانۇس پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بېلىسئارىئۇسنى قوشۇن تارتىپ تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىپ، سىتسىلىيە ئارىلى بىلەن ئىتالىيەنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان. شەرقىي گوت پادىشاھى تۇتىلا بىر مەزگىل مەغلۇبىيەتلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، قولدىن كەتكەن كۆپ قىسىم جايلىرىنى قايتۇرۇۋالغان. جۇستىئانۇس باشقىدىن نارسېسنى يىراققا يۈرۈش قىلىپ ئىتالىيىگە بېرىشقا ئەۋەتكەن. 552 - يىلى تۇتىلا بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا يارىدار بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن. 555 - يىلى شەرقىي گوت پادىشاھلىقى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.