Chinese→Uyghur主要词典
东非共同体
دۇنيا تارىخى
شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى
شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتىرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1917 - يىلى 6 - ئايدا، تانزانىيە، كېنىيە ۋە ئۇگاندا قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭى كامپالادا <شەرقىي ئافرىقا ھەمكارلىق شەرتنامىسى>غا ئىمزا قويۇپ، شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشنى قارار قىلغان، شۇ يىلى 12 - ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە يەنە شەرقىي ئافرىقا ئورتاق بازىرى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئاساسلىق ۋەزىپىسى: ئۈچ دۆلەت سانائەت، سودا ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئورتاق گەۋدىگە قاراشلىق بولغان ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىشلىرى:تۆمۈريول، پورت، ئاۋىئاتسىيە، پوچتا، ھاۋارايى، چېگرا بېجى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. شەرقىي ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسى، شەرقىي ئافرىقا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى تەسىس قىلىنغان. 1969 - يىلى <ئورتاق گەۋدە>غەربىي ياۋرۇپا ئورتاق بازىرى بىلەن <ئارۇشا شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغان. شەرقىي ئافرىقا ئىدارىسى ئۇنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭىدىن تەشكىللەنگەن. يەنە شەرقىي ئافرىقا قانۇن تۇرغۇزۇش پارلامېنتى، ئورتاق بازار كومىتېتى ھەمدە مەركىزىي كاتىباتلىق باشقارمىسىمۇ بار. باش ئورگىنى تانزانىيىنىڭ ئارۇشا دېگەن يېرىدە.
پۇل - مۇئامىلە
dōng fēi gòng tóng tǐ
شەرقىي ئافرىقا ئورتا گەۋدىسى