Chinese→Uyghur主要词典
东非和中非国家首脑会义
دۇنيا تارىخى
شەرقىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى
تولۇق ئاتىلىشى <شەرقىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى>. 1966 - يىلى شەرقىي ئافرىقاۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى 11 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلرى نايروبىيدا يىغىن ئېچىپ، قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇرۇندى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، چاد، كونگو، ئېكۋاتورگۋىنىيىسى، كامېرون، ئېفىئوپىيە، گابون، كېنىيە، مالاۋىي، رۋاندە، سۇمالى، سۇدان، تانزانىيە، ئۇگاندا، زايىر ۋە زامبىيىدىن ئىبارەت 17 ئەزا دۆلەت بار. يىغىننىڭ مەقسىتى، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قوشنىدارچىلىق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى، ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇستەملىكىچىلىككە، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت. 1969 - يىلى 3 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا جەنۇبىي ئافرىقا توغرىسىدىكى <لۇساكا خىتابنامىسى> ماقۇللىنىپ، <مۇستەملىكىچىلىككە ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى>نى جاكارلىغان. 1978 - يىلىغىچە جەمئىي توققۇز قېتىم يىغىن ئېچىلغان.ھەر قېتىملىق يىغىندىن ئىلگىرى، مىنىستىرلار يىغىنى چاقىرىلىپ تەييارلىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان.