Uyghur主要词典
دوغاپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇغا قېتىق، سۇزمە، شىرنى قوشۇپ چېقىلغان ئۇششاق مۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ئۇسسۇلۇق.
«دوغاپ»، «دۇغ» قېتىقتىن، «راخاپ»، «جۇلاپ» شىرنىدىن تەييارلانغان.
قەشقەرنىڭ دوغىپى ياخشى بولىدۇ. داغ سۇدا قىلىنغان دوغنى ئىچىشتىن ئېھتىيات قىل. راخاپنى رايىڭغا بېقىپ ئىچ. جۇلاېنى بىر يولى كۆپ ئىچىش زىيانلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بەلگىلىك مىقداردىكى مۇز بىلەن قېتىقنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇدا ئېرىتىپ تەييارلىنىدىغان سوغۇق ئىچىملىك.
سۇيۇق لاي، لايقا.
ئۆمۈر ئېقىپ، ئېقىن سۇدەك كېتەر ھەرقاچان، بەزى سۈزۈك، بەزى دوغاپ، ھەتتا بەك قىيان.