Uyghur主要词典
دېلېسكلۇزې
دۇنيا تارىخى
(1809 - 1871) 1871-يىلدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇناسىنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. يېڭى ياكوبىنچى. مۇخبىر. 1830- ۋە 1948-يىللاردىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1848-يىلدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە خادىمى بولغان. 11-ئايدا <دېموكراتىيە ۋە ئىجتىمائىي ئىنقىلاب گېزىتى> نى چىقارغان. 1849-يىلى ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىدىغان سۆز قىلغانلىقى ۋە 13-ئىيۇن نامايىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن بېلگىيە ۋە ئەنگلىيىگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1853-يىلى ئۆز ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن مەخپىي جۇمھۇرىيەتچىلەر تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقىدىن قاماق جازاسى بېرىلگەن. قامىلىش، سۈرگۈن قىلىنىش ۋە ئەمگەككە سېلىنىش ئازابىنى تارتقان. 1859-يىلى كەچۈرۈم قىلىنغادىن كېيىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتقان. 1868-يىلى 7-ئايدا <ئويغىنىش گېزىتى> نى چىقىرىپ، <ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە مېھرىبانلىق> نى پروگرامما قىلغان. ئىكىنچى ئىمپېرىيىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن يەنە ئۈچ قېتىم قامالغان. 1871-يىلى 2-ئايدا مىللىي پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 3-ئاينىڭ 26-كۈنى پارىژ كوممۇناسىنى ئەزالىقىغا سايلانغان، 29-كۈنى پارلامېنت ئەزالىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن؛ كېيىن چەت ئەل بىلەن ئالاقە باغلاش كومىتېتى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ھەربىي ۋەكىل بولغان؛ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى پارىژ خەلقىنى كوچا جېڭى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.ئىككىنچى كۈنى قۇربان بولغان. <پارىژدىن كەيئېنغىچە> دېگەن ئەسىرى بار.