Uyghur主要词典
دېلېددا
دۇنيا تارىخى
(1871 - 1936) ئىتالىيىلىك ئايال يازغۇچى. ساردىنىيە ئارىلىدا تۇغۇلغان. 1900-يىلى بىر ئوفىتسېر بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن رىمدا ئولتۇراقلاشقان. لېكىن دائىم يۇرتقا قايتىپ يېزىقچىلىق ماتېرىياللىرىنى توپلىغان. 1893-يىلى <كانراتىي شادى> ناملىق ھېكايىنى نەشر قىلدۇرغان. 1926-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاتىغا ئېرىشكەن. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىدە ساردنىيە دېھقانلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋە ناتۇرالىزملىق تۇس ئالغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئەسەرلىرى سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق ۋە تەقدىرچىلىك ئدىيىلىرى بىلەن تولغان. <تاغلىقتىكى بوۋاي>، <نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن>، <ئىلياس پورتارۇ>، <گۈل>، <ئانا> ۋە <تەرجىمىھال> قاتارلىق 60 خىلچە ئەسەر يېزىپ چىققان.