Chinese→Uyghur主要词典
第二次社会大分工
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى
قول سانائەت بىلەن دېھقانچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئىش تەقىسماتىنى كۆرسىتىدۇ. قول سانائەت جەھەتتە، ئومۇمەن ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا، تۆمۈردىن ياسالغان ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن؛ ئەمما غەبىي ياۋروپا، مىسىر، ھىندى دەرياسى ۋادىسى، ئېگىي رايونى ۋە جۇڭگونىڭ برونزا قوراللار مەدەنىيىتى رايونىدا، مىس قوراللار بىلەن تاش قوراللار بىللە ئىشلىتىلىدىغان ياكى برونزا قوراللار دەۋرىدىلا يۈز بەرگەن. مىس قورال، برونزا قورال، تۆمۈر قوراللارنىڭ قوللىنىلىشى كەڭ كۆلەملىك ئېتىزلاردا تېرىقچىلىق قىلىش ۋە دەرەخلەرنى كېسىپ بوز يەر ئېچىشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرغان. بۇ چاغدا دېھقانچىلىققا دانلىق زىرائەتلەرنى تېرىغاندىن باشقا، يەنە باغۋەنچىلىك، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىش، ياغ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھاراق ئېچىتىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان، مېتاللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، ساپالچىلىق، كېمە ياساش، قۇرۇلۇش، كۆنچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلغان. تېخنىكىسى كۈنسايىن ياخشىلانغان. قول سانائەت بىلەن دېھقانچىلىقنىڭ مۇنچىۋالا كۆپ خىل پائالىيەتلىرىنى بىر ئادەم ياكى بىر تارماق ئېلىپ بارالمايدىغان بولۇپ قالغان، نەتىجدە بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ تەقسىماتى (كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ قالغان ياۋايى قەبىلىلەردىن ئايرىلىپ چىقىشى) دىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى يۈز بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەمگىكىنىڭ قىممىتى يۇقرى كۆتۈرۈلۈپ، قۇللۇق تۈزۈمنى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرغان. قول سانائەت بىلەن دېھقانچىلىقنىڭ ئىش تەقسىماتىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن تاۋار ئىشلەپچىقىرىش، تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىشى ئۇرۇقداشلىق قەبىلىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باي - كەمبەغەللىككە بۆلۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەكلەر بىلەن پۇقرالار (دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەن ۋەھاكازالار) نىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى پەيدا قىلغان. شۇنداق قىلىپ، سىنىپىي جەمئىيەت ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئورنىنى ئالغان؛ لېكىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ جەرياننىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولمىغان.