Chinese→Uyghur主要词典
第二次世界大战
ھەربىي
dì èr cì shì jiè dà zhàn
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىDئۇنىۋېرسال
dì èr cì shì jiè dà zhàn
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى
گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق فاشىستىك دۆلەتلەر قوزغىغان، ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆلىمى مىسلىسىز بولغان دۇنيا ئۇرۇشى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايون، 2 مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالە بۇ ئۇرۇشقا تارتىلغان. ياپونىيە 1931 - يىلى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىنى بېسىۋالغان، 1937 - يىلى يەنە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىغان؛ گېرمانىيە ئاۋسترىيە بىلەن چېخوسلوۋاكىيىنى يۇتۇۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا (1938 - 1939)، ئىتالىيە بىلەن بىرلىشىپ ئىسپانىيىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا قوراللىق ئارىلاشقان (1936 - 1939)، ئىتالىيە ئىفىئوپىيىنى (1936) ۋە ئالبانىيىنى (1939) يۇتۇۋالغان. فاشىستىك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى جۇڭگو قاتارلىق ئېزىلگەن. تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان دۆلەتلەر خەلقلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ، جاھانگىر دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرغان. 1939 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى پولشاغا ھۇجۇم قىلغان. 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغان. 1940 - يىلى گېرمانىيە غەربىي سەپتە چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قوزغىغان؛ 4 - ئايدا، دانىيە بىلەن نورۋېگىيىنى بېسىۋالغان؛ 5 - ئايدا، گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە ليۇكسېمبۇرگنى بېسىۋالغان ھەمدە فرانسىيە زېمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن؛ 6 - ئايدا، فرانسىيە تەسلىم بولغان، ئەنگلىيە ئارمىيىسى غەربىي ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبور بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن،گېرمانىيە شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ئەللىرىگە تاجاۋۇز قىلىشنى جىددىيلەشتۈرگەن؛ ئىتالىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلەرنى تارتىۋالغان. ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىكى ئىشغال قىلىنغان ئەللەرنىڭ خەلقى فاشىزمغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان. 1941 - يىل 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى گېرمانىيە <سوۋېت - گېرمان ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى> نى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان، سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشى پارتلىغان. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاق تەدرىجىي شەكىللەنگەن. 1941 - يىلى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ياپونىيە پيورل - خاربور پورتىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان، ئەتىسى ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلىغان. ياپونىيە ئارمىيىسى پەقەت يېرىم يىل ئىچىدىلا مالايا، سىنگاپور، فىلىپپىن، ھىندۇنېزىيە، بىرما ۋە تىنچ ئوكياندىكى نۇرغۇنلىغان ئاراللارنى ئىشغال قىلغان. ئەمما جۇڭگو ئۇرۇش مەيدانىدا ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسىي ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو خەلق قوراللىق كۈچىلىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ياپون ئارمىيىسىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنى تىنچ ئوكياندا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان ھەمدە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ياپونغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىغا ئىلھام بەرگەن. ياروپادا، سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشى مەيدانى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى بولغان. 1942 - يىلى 11 - ئايدا، سوۋېت ئارمىيىسى ستالىنگراد ئۇرۇش رايونىدا قايتۇرما ھۇجۇمىغا ئۆتكەن؛ 1943 - يىلى 2 - ئايدا، قورشاۋغا ئېلىنغان گېرمان ئارمىيىسىنىڭ خىللانغان قىسمى يوقىتىلغان. ستالىنگراد ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، دۇنيا خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىگە زور ئىلھام بەرگەن. مۇشۇ مەزگىلدە، ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئارمىيىسى 1942 - يىلى 11 - ئايدا شىمالىي ئافرىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئىككىنچى يىلى 5 - ئايدا گېرمانىيە - ئىتالىيە ئارمىيىسىنى شىمالىي ئافرىقىدىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇرۇقلۇققا چىققان. 1943 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئىتالىيە تەسلىم بولغان. 1944 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئەنگلىيە - ئامېرىكا ئارمىيىسى فرانسىيىنىڭ نورماند رايونىد قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ياۋروپادىكى ئىككىنچى فرونتنى ئاچقان. 1944 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، سوۋېت ئارمىيىسى گېرمان ئارمىيىسىگە داۋاملىق قوغلاپ زەربە بېرىپ، شەرقىي جەنۇبى ياۋروپا ئەللىرى خەلقلىرىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئازادلىق كۈرىشىگە ماسلاشقان. 1945 - يىلىنىڭ بېشىدا، سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئارمىيىسى گېرمانىيە زېمىنىغا بىر قانچە تەرەپتىن بېسىپ كىرگەن. سوۋېت ئارمىيىسى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بېرلىننى ئالغان. 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى گېرمانىيە شەرتسىز تەسلىم بولغان. گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا كۈچىنى توپلاپ تىنچ ئوكياندا ھۇجۇم قوزغىغان، ئەمما ياپونيىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ۋە 9 - كۈنى، ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ خروسىما، ناگاساكى شەھەرلىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. جۇڭگو خەلقى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ياپون ئارمىيىسىگە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. جۇڭگو خەلق قوراللىق كۈچلىرى ۋە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئاستىدا، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى ئۈچ ئۆلكىسىدىكى ياپون ئارمىيىسى تېز يوقىتىلغان. 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ياپونىيە تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تەسلىمىنامىگە ئىمزا قويغان. فاشىزمغا قارشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان.