Uyghur主要词典
دېگەندەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
دېگەنگە ئوخشاش؛ دېگەن بويىچە.
سىلى دېگەندەك بولسا، 300 مېتىر يەرگە دامبا سوقۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ ئاسان گەپمۇ؟ * بىز ئۇلارغا پەقەت سەۋزە، پىياز، تۇز، ئوتۇن دېگەندەك نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بەردۇق.
ۋايىغا يەتكۈزۈپ، ئوبدان، ياخشى.
ياسىن نېمە سەۋەبتىندۇر، يەر ھەيدەش ۋەزىپىسىنى دېگەندەك ئورۇندىيالمىدى.
تازا، ناھايىتى.
ئالىمجاننىڭ چىرايى دېگەندەك كېلىشكەن بولمىسىمۇ، گەپ - سۆزى جايىدا، ئەدەپلىك يىگىت ئىدى.
كۆڭلىدە كەچكەندەك، ئويلىغاندەك، كۈتكەندەك.
ئۇ خاتالاشمىغانىدى. دېگەندەك، خۇماخان يېرىم يولدىلا كىچىئاخۇن تەرەپكە بۇرۇلدى.