Uyghur主要词典
دېگىدروگېنازىلار
بىئولوگىيە
ئاساسىي ماددىنىڭ بىۋاستە ھىدروگېنسىزلىنىش رېئاكسىيىسىگە كاتالىزاتورلۇق قىلىدىغان ئېنزىملاردۇر. بۇ تۈردىكى ئېنزىملارنىڭ كوئېنزىمى كۆپىنچە NAD+ (ياكى NADP+) بولىدۇ، كوئېنزىملار ھىدروگېن يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ، مەسىلەن، لاكتىك كىسلاتا دېگىدروگېنازىنىڭ كوئېنزىمى NAD + بولۇپ، لاكتىك كىسلاتاسىنىڭ ھىدروگېنسىزلىنىپ پىرۇۋىك كىسلاتانى ھاسىل قىلىشىغا كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ، ئاجرالغان ھىدروگېننى NAD + ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ NADG + H + قا ئايلىنىدۇ.