Chinese→Uyghur主要词典
德意轴心协定
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە - ئىتالىيە ئوق مەركىزى كېلىشىمى
<بىرلىن - رىم ئوق مەركىزى كېلىشىمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كېلىشىم ئىتالىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كىيانۇ 1936 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بېرلىننى زىيارەت قىلغاندا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نېئۇرات بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن ئىمزالىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: گېرمانىيە ئىتالىيەنىڭ ئېفىئوپىيىنى قوشۇۋېلىشنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىدۇ؛ ئىككى دۆلەت بالقان يېرىم ئارىلى ۋە دوناي دەريا ۋادىسىدىكى تەسىر دائىرىسىنى ئايرىيدۇ؛ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسپانىيە ۋە باشقا خەلقئارا مەسىلىلەرگە ئارىلىشىش جەھەتتىكى ئورتاق ھەرىكەت لۇشيەنىنى بەلگىلەيدۇ؛ ئىككى دۆلەت فرانكو ھاكىمىيىتىنى تەڭ ئېتىراپ قىلىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. كېلىشىمدە گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تەرتىپكە سېلىنىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئىتتىپاق تۈزۈش يولىدا مۇھىم بىر قەدەم تاشلانغان. مۇسسۇلىن كۆرەڭلەپ ئۇنى بېرلىن بىلەن رىم ئوتتۇرىسىدىكى تىك سىزىق - ئوق مەركىزى، ياۋرۇپا ئەللىرى بۇ ئوق مەركىزىنى دەۋر قىلغان ھالدا ھەمكارلاشسا بولىدۇ، دەپ جاكارلىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان.