Chinese→Uyghur主要词典
德意日三国同盟条约
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاق شەرتنامىسى
<بېرلىن ئەھدىنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيىدىن ئىبارەت ئۈچ فاشىست دۆلەت تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، 1940 - يىل 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بېرلىندا ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمونى، ياپونىيە گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ ياۋرۇپادا يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش يولىدىكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ؛ گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە ياپونىيەنىڭ <بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا> دا يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش يولىدىكى ھوكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قېلىدۇ؛ ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەتلەر سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردىكى بارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئۆز ئارا ياردەملىشىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. ئەھدىنامە گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت مەركىزىي ئوق ھەربىي ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېيىن، ۋېنگرىيە، رومىنىيە، سلوۋاكىيە، بۇلغارىيە، فىنلاندىيە، ئىسپانىيە، تايلاند ۋە كرودىيە، قورچاق مانجۇرىيە ھەم ۋاڭ جىڭۋىي قورچاق ھاكىمىيىتىمۇ بۇ ئەھدىنامىگە كەينى - كەينىدىن قاتناشقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە مەغلۇپ بولغاچقا، بۇ شەرتنامە بىكار قىلىنغان.