Uyghur主要词典
دەرۋىش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
«دەرۋېش» گە قاراڭ.
ئول تۈنكىم ئىككىنچى دەرۋىش باشىدىن ئۆتكەن ۋاقىئاتىنى بىر - بىر تەقرىر قىلىپ ئىتمامىغە يەتكەندە، پادىشاھ ئازادە بەخت ئۆز قەسىرىگە يانىپ كېلىپ، دەرۋىشلەرنىكى ئول تاق ئىچىدە كۆرۈپ ئىدى، ئۇلارنى دەئۋەت قىلغالى كىشى ئىبەرگەنى....
ئا. نىزاى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پېقىر ۋە سوپى كىشى، خۇداگۇي ئادەم؛ تىلەمچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەركىي دۇنيا بولۇپ، ئىبادەتخانىلاردا تائەت - ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى.
«راھىب»، «ماناخ» لار ناسارادىن چىقىدۇ.
«شەيخ» گۆرىستاندا بولىدۇ.
«دەرۋىش»، «زاھىت» مۇسۇلمانلاردىن چىقىدۇ.
«تويىن»، «ساڭ» خەنزۇچە: 憎 ،道人 . بۇددىستلاردىن چىقىدۇ.
كاسايا كىيگەننىڭ ھەممىسى راھىب ئەمەس. ماناخ مائاش دېمەيدۇ. شەيخلارغا تەسەللىنىڭ ئالاقىسى يوق، ئېشەك مۈڭگۈز دېسە، خام خىيال قۇرۇق. خالتىدا نېمە بارلىقىنى دەرۋىش ئۆى بىلەر. زاھىتقا سەللە كېرەك ئەمەس، ئاشىققا دەللە.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارسچە سۆز بولۇپ، ئەسلىي مەنىسى «تىلەمچى» دېگەنلىك بولىدۇ. تەسەۋۋۇپچىلار پىر قىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرى، يەنى تەسەۋۋۇپ ئېقىملىرىنىڭ ئېتىقاد ۋە تەلىماتى بويىچە ئىستىقامەت قىلغان زاھىدلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار جاي - جايلارنى ئايلىنىپ تىلەمچىلىك قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ سەدىقە بېرىشىگە تاينىپ جان باقىدۇ. ئادەتتە «خىرقەھ» دېيىلىدىغان تون كىيىدۇ. قەلەندەرىيە (پىرقىسى) نىڭ ئەزالىرى ئاللاغا يېقىنلىشىش نىيىتىدە ئايالچە كىيىملەرنى كىيىدۇ. بەزىلىرى ئاچلىق تۇيغۇسىنى يوقىتىدۇ، دەپ قارىلىدىغان «سائادەت تېشى»نى يېنىغا سېلىۋالىدۇ. ھاسا تۇتۇپ تىلەمچىلىك قىلىدۇ. بازارلاردا تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئىلىم - ھېكمەتلىرىنى سۆزلەپ، مۇخلىس قوبۇل قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<دىن> مال - دۇنيادىن كېچىپ خۇداگۇيلۇق بىلەن خانىقا ياكى مەلۇم بىر ئىبادەت ئورنىدا ئىستىقامەت بىلەن ياشىغۇچى كىشى، سوپى.
كۆچمە. تەركىدۇنيا بولۇپ يۇرت كەزگۈچى، جاھانگەشتى.
شاھىزامان قايتىدىن دەرۋىش بولۇپ، شاھلىقتىن ۋاز كېچىپ، چۆل - باياۋانغا چىقىپ كېتىپتۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
كەمبەغەل، پەقىز: تەركى دۇنيا