Uyghur主要词典
دەرىجە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
«دەرىچە» گە قاراڭ.
مۇنىڭدىن ھەم ئاچاي يەتتە دەرىجە،
كىرىپ ئىستەي، ياپاي بەختىم بارىچە.
خىرقەتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. مەنسەپ، مەرتىۋە، ئورۇن.
مەن سېنى بۇ دەرىجىگە كۆتۈرۈشۈمدىن مەقسەت باشقىچە ئىدى.
ئى. شەيئىلەرنىڭ مەلۇم بىر جەھەتتە ئاز - كۆپلۈك، يۇقىرى - تۆەۋەنلىك ياكى سۈپەت جەھەتتە ئاز - كۆپلۈك، يۇقىرى - تۆۋەنلىك ياكى سۈپەت جەھەتتە تۇتقان ئورنى، چېكى.
دەرىجىگە بۆلمەك.
ئى. تەرەققىي قىلىش، راۋاجلىنىش پەللىسى؛ سەۋىيە.
مەلۇمات دەرىجىسى.
ئىشنىڭ مۇشۇ دەرىجىگە بېرىپ يېتىشىنى كىم بىلسۇن؟
ئى. كادىرلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىدىكى مەلۇم تەرتىپتە ئۆرلەپ ماڭىدىغان ھەربىر باسقۇچ.
بۇ يىل ئۇنىڭ مائاشى بىر دەرىجە ئۆستى.
ئى <تىل> بەلگە، خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ئارتۇق - كەملىكىنى، ھەرىكەتنىڭ گرامماتىكىلىق ئىگە بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى ئىپادىلىگۈچى گرامماتىلىق فورما، كاتېگورىيە.
سۈپەت دەرىجىلىرى. پېئىل دەرىجىلىرى.
ئى <مات> بىر سانىنىڭ ئۆز - ئۆزىگە بىر قانچە قېتىم كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان شەكىل. مەسىلەن: T نىڭ N نىنچى دەرىجىسى Tn بولىدۇ.
سۈپ. مەلۇم تەرتىپتە تىزىلغان.
دەرىجە سان.
ئى. ھوقۇق دائىرىسى بويىچە چوڭ - كىچىكلىك تەرتىپىگە ئىگە جەمئىيەتتىكى ھەربىر ئورگان.
دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلماق.