Chinese→Uyghur主要词典
德国人民阵线
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە خەلق سېپى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى گېرمانىيە خەلقنىڭ فاشىستلارغا قارشى بىرلىك سېپى. 1935 - يىلى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 7 - قۇرۇلتىيى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ فاشىستلارغا قارشى كۈرىشىنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، فاشىستلارغا قارشى كەڭك تۈردە خەلق سېپى قۇرۇشنى چاقىرغان. گېرمانىيە كومپارتىيىسى شۇنىڭغا ئاساسەن يېڭى فاڭجېن تۈزگەن. كېيىن، گېرمانىيەنىڭ چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن كوممۇنىستىلىرى، سوتسىيال دېموكراتلار ۋە بۇرژۇئا دېموكراتىك زاتلىرى فاشىستلارغا قارشى خەلق سېپى قۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلاشقان. 1936 - يىلى پارىژدا گېرمانىيە خەلق سېپىگە تەييارلىق كۆرۈش ھەيئىتى قۇرۇلغان. ئىككىنچى يىلى 1 - ئايدا سوتسىيال دېموكراتلار، كوممونىستلار ۋە زىيالىيلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 67 كىشى ئىمزا قويغان گېرمانىيە خەلق سېپىنى قولغا كەلتۈرۈش چاقىرىقنامىسى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە بېرلىندا مەخپىي گېرمانىيە خەلق سېپى تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، <ئون نۇقتىلىق پروگرامما> نى ئېلان قىلىپ، گىتلېرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى چاقىرىق قىلغان. لېكىن ھەرىكەت تېخىمۇ كەڭ تۈردە تەرەققي قىلالمىغان.