Chinese→Uyghur主要词典
德国人民党
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە خەلق پارتىيىسى
(1) گېرمانىيىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتلار پارتىيىسى. 1868 - يىلى گېرمانىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى دېموكراتىك خەلق پارتىيىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان، شۇڭا ئۇ <جەنۇبىي گېرمانىيە خەلق پارتىيىسى> دەپ ئاتالغان. دەسلەپتە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، پرۇسسىيەنىڭ گېرمانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەركىتىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىغا قارشى تۇرغان، ئاۋسترىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <بۈيۈك گېرمانىيە> پىلانىدا چىڭ تۇرغان؛ بىرلىككە كەلگەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، شۋېتسارىيىچە فېدېراتىپ تۈزۈمى ئاساسىدىكى دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ، جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى شتاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش يولىدىكى ئىرادىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن. 1910 - يىلى ئەركىن پىكىرلىكلەر پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، تەرەققىيپەرۋەر خەلق پارتىيىسى بولغان. (2) گېرمانىيىدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيەنىڭ پارتىيىسى. 1918 - يىلى گېرمانىيە مىللىي ئەركىنلىك پارتىيىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان. ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن سىتلىسىمان قاتارلىقلار بار. بۇ پارتىيە مىللىي ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تەرەققىپەرۋەر كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ، كاپىتالىستىك مونوپول گۇرۇھىنى قوللىغان، گېرمانىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى قايتا گۈللەندۈرۈش، <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە دلەت ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1928 - 1933 - يىللىرى گېرمانىيىدە سىنىپىي كۈرەش جىددىيلەشكە ۋەزىيەتتە، باشقا ئەكسىيەتچىل پارتىيىلەر بىلەن سىياسىي ئىتتىپاق تۈزۈپ، گىتلېر فاشىستلىرىنى قوللىغان. فاشىستىك دىكتاتۇرا ئورنىتىلغاندىن كېيىن 1933 - يىلى 6 - ئايدا ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن.