Uyghur主要词典
داۋىس
دۇنيا تارىخى
(1) جېففېرسۇن داۋىس(ـ1889-1808)ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى جەنۇب ئىتتىپاقىنڭ زۇڭتۇڭى. دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. ئېكىنزارلىق خوجايىنى ئائىلىسىدىن. 1828-يىلى غەربىي پونكىت ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1832-يىلى بلاسك خاۋىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1835 - 1845 - يىللىرى مىسسىسىپى شتاتىدا ئېكىنزارلىقنى باشقۇرغان. 1846-يىلى مېكسىكىغاق ارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1861-يىلى 2-ئايدا جەنۇب ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. جەنۇبىي قىسىمدىكى قۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، جەنۇبنىڭ قوشما شتاتقا قارشى ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1865-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشكەن ۋە مىنرو قورۇقىغا سولاپ قويۇلغان. 1867-يىلى 5-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا جەنۇبتا ئولتۇرغان. <ئىتتپاق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى بىلەن گۇمران بولۇشى> دېگەن ئەسىرىدە جەنۇبتىكى توپىلاڭنى ئاقلىغان. (2) ۋدېليام موررىس داۋىس (1850 - 1834) ئامېرىكىنىڭ گېئومورفولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى، سان - فرانسىسكۇدا تۇغۇلغان. 1869 - يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1870 - 1873 - يىللىرى ئارگېنتىنا كوردوۋا رەسخانىسىدا ئىنژېنېر بولغان. 1877 - 1912 - يىللىرى خارۋارد داشۆسىدە جۇغراپىيە ئوقۇتقان. شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئاۋستىرالىيە، ئافرىقا قاتارلىق جايلارغا بارغان. بېرلىن داشۆسىدە گېئومورفولوگىيىدىن دەرس بەرگەن. 1911-يىلى ئامېرىكا گېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئاسترونومىيە ئوكياشۇناسلىق ۋە ھاۋا رايى ئىلمىنى تەتقىق قىلغان. تۆرەلمىشۇناسلىق نۇقتىئىنەزەرى بىەن يەر كۆرۈنۈشىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈپ، <جۇغراپىيىلىك نۆۋەتلىشىش تەلىماتى> نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرلەرنىڭ تۈرلۈك كۆرۈنۈشىنى دەريا ئۇپراتمىسى، دېڭىزئۇپراتمىسى، كۆچمە مۇز، قۇرغاق قاتارلىق شەكىللەرگە بۆلگەن ھەمدە يەر كۆرۈنۈشىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى ياش، ئوتتۇرا ياش ۋە قېرىلىقتىن ئىبارەت. ئۈچ دەۋرگە ئايرىغان. گېئومورفولوگىيىنىڭ تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. مارجان خادا تاشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى تەتىقاتىغا تۆھپە قوشمان. <تەبىئىي جۇغراپىيە>، <مارجان خادا تاشلىرى مەسىلىسى> قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار.