Uyghur主要词典
داۋېس
دۇنيا تارىخى
(1835 - 1951)، ئامېرىكىلىق مالىيەشۇناس. ئوخىئو شتاتى مارتا ئىنستىتۇتى ۋە سىنسىنناتى قانۇن ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1887 |- 1894 - يىللاردا لىنكىن شەھىرىدە ئادوۋوكات بولغان. كېيىن گاز لامپىسىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىككى شىركەتنىڭ باش جىڭلىسى بولغان. 1897-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ پۇل تەپتىش ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن. چىكاگودا <ئىلىنوس شتاتىنىڭ مەركىزىي ھاۋالە شىركىتى> نى تەسىس قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيىگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە پودپولكوۋنىكلىقتىن گېنېرال برىگادېرلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1921-يىلى دۆلەت خامچوت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1924-يىلى گېرمانىيە مالىيە ۋە تۆلەم مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئىككىنچى يىلى <داۋېس پىلانى> نى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى ئاۋستېن چېمبېرلىن بىلەن بىرلىكتە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1925 - 1929 - يىللاردا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولغان. 1929 - 1932 - يىلى گۈللىنىش پۇل مۇئامىلە شىركىتىنىڭ باش جىڭلىسى بولغان. كېيىن چىكاگودا <مىللىي بانكا ۋە ھاۋالە شىركىتى> نى قۇرۇپ، تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى بولغان.