Uyghur主要词典
داتۇڭ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ داتۇڭ شەھىرىدىكى غەربىي بازار جۇلۇ كوچىسىدا. بۇ مەسچىت 628 - يىلى سېلىنغان. ھازىرقى ئىمارەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەۋرىدىن قالغان. مەسچىت جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق شەكلىدە سېلىنغان. مەسچىت ھويلىسىدا بىنا، تاش كۆۋرۈك، خانىقا قاتارلىق قۇرۇلۇشلار بولۇپ، يولنىڭ بىر تەرىپىگە يان ئۆي، يەنە بىر تەرىپىگە سەراپ سېلىنغان. نامازخانا تۆت يۈرۈش ئۆيدىن تەركىب تاپقان. جۇڭگودىكى قەدىمىي ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.