Uyghur主要词典
داتچىك
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
يەر يۈزى داتچىكى − يەر يۈزىدىكى نىشانلارنىڭ ھەرىكىتىدىن پەيدا بولغان ئېـلـېـكـتـر مەيدانى، ماگنىت مەيدانى، يەر يۈزىنىڭ سىلكىنىشى قاتارلىق فىزىـكـىـلـىـق ئۆزگىرىشلەرنى تەكشـۈرىـدىـغـان ۋە ئۇنـى ئېـلـېـكـتـر سـىـگـنـالـىـغـا ئايلاندۇرىدىغان ئۈسكۈنە.
داتچىك تاكتىكىلىق رازۋېدكا ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئۇنى ئايـروپـىلانـدىـن تاشلاشقا، زەمبىرەك ئارقىلىق ئېتىشقا ياكى قاتناش لىنىيىلىرىگە ۋە دۈشمەن كىرىش ئېھتىماللىقى بولغان رايونلارغا كۆمۈپ قويـۇشـقـا بـولـىـدۇ. ئادەم ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ھەرىكىتىدىن بولغان سىلكىنىشنى قوبۇل قىلغـانـدىـن كـېـيـىـن، داتچىك ئۇچۇر ئەۋەتىـدۇ ۋە دۈشـمـەنـنىـڭ تـەخـمـىـنـىـي ھەرىـكـەت يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. بەزى داتچـىـكلار تـانـكـا، زەمـبـىـرەك ۋە مىلتىق قاتارلىق مېتال جىسىملارنى تەكشۈرەلەيدۇ، ھەتتا ئۇلارنىـڭ پۇرىقىنى »پۇرىيالايدۇ«.
يەر ئۈستى داتچىكى يەر شەكلىنىڭ چەكلـىـمىـسـىـگـە نـاھايـىـتـى ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇنى جەڭ مەيدانلىرىغا ئورۇنلاشتـۇرۇپ، رادار، ئوپـتـىـك ئەسۋاب ۋە كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابـلـىـرىـنـىـڭ »كـۆرۈش دائىـرىـسـى« يەتمەيدىغان تاغلىق رايون ياكى ئورمان رايونلىرىنى رازۋېـدكـا قـىـلـغـىـلـى بولىدۇ. جەڭ مەيدانى رازۋېدكا داتچىكىنى ئىشـلـەتـكەنـدە، رازۋېـدكـا ۋەزىپىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغـا ئاسـاسـەن، مـۇۋاپـىـق داتـچـىـكـنـى تـاللاپ ئىشلىتىپ ئەپچىل بىرىكتۈرۈشكە، جانلىق پايدىلىنىشقا بولىدۇ. مـەسـىـلـەن،10 داتچىك ۋە2 ئېنتېرپولياتوردىـن تۈزۈلگەن داتـچـىـك سىستېمىسى1 ۋزۋود ئەسكەرنىڭ جەڭ قىلـىـش ۋە مـۇھاپـىـزەت ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
داتچىك60 - يىللارنىڭ باشلىرىدا بارلىـقـقـا كـەلگەن بولۇپ، ئۇنى60 - يـىـللارنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكا ئارمىيىـسـى ئاۋۋال ۋيېتنام جـەڭ مەيدانىدا ئىشلەتكەن، ھازىر داتچىك چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، جامـائەت خەۋپسىزلىكى، ئامبار ۋە پەۋقۇلئاددە ئەسلىھەلەرنى قوغداپ سىگنال بـېرىـش جەھەتلەردە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.