Uyghur主要词典
چۇما
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىچ سۈرۈپ، ئادەمنى تېز ھالاك قىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل.
ۋابادىن ئامان قېلىپ، ھاراقتا ۋەيران بولغان. دوستلۇق ئارا دەھشەتلىك ۋابا - خۇشامەتچىلىك. خولېرانىڭ داۋاسى تازىلىق. خولېرا تارالسا، دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا مەلۇم قىلىش كېرەك. چوڭ ئانام چۇمادىن ئامال قالغان، تومۇدىن كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
تېبابەت
جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل. بۇنى چۇما تاياقچە باكتېرىيسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چاشقان، توشقان ۋە سۇغۇر قاتارلىق غاجىلىغۇچى ھايۋانلار بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغاندىن كېيىن، بۈرگە ئارقىلىق ئادەمگە يۇقىدۇ. كېسەل ئالامەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بەز چۇماسى، ئۆپكە چۇماسى ۋە سېپىتسېمىيە تىپىدىكى چۇما دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ.