Uyghur主要词典
چۈشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يۇقىرىدىن، ئېگىز يەردىن ياكى بىرەر نەرسە ئۈستىدىن پەسكە قاراپ ھەرىكەت قىلماق، شۇنداق ھەرىكەت بىلەن شۇ پەس جايغا يەتمەك.
تاغدىن چۈشمەك. ئۆگزىدىن چۈشمەك.
ئاتتىن چۈشتۈڭ - ئېتەككە چۈشتۈڭ (ماقال).
بىرەر قاتناش ۋاستىلىرىغا ئولتۇرماق، چىقماق.
ئايرۇپىلانغا چۈشمەك. پويىزغا چۈشمەك. پاراخۇتقا چۈشمەك. پىكاپقا چۈشمەك.
پەسەيمەك، تۆۋەنلىمەك، ئازايماق، ئەرزانلىماق.
باھاسى چۈشمەك. قىزىتمىسى چۈشمەك.
ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خالىسا كېلەتتى، خالىمىسا كەلمەيتتى، بەزىدە بەش - ئالتىگە چۈشۈپ قالاتتى.
بوشاشماق؛ تۆۋەنلىمەك، يېرىم بولماق، مەيۈسلەنمەك (مىجەز، روھىي ھالەت، كەيپىيات ھەققىدە).
دېمى ئىچىگە چۈشمەك.
پادىشاھ بۇ گەپكە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، پەزىلەتخاننىڭ دەردىدە روھى چۈشۈپتۇ.
بېكىتىلگەن، ئورنىتلغان، تىكلەپ قويۇلغان، تۇتۇپ تۇرۇلغان يەردىن ئاجرىلىپ، ئۈزۈلۈپ پەسكە تاشلانماق، يەرگە يەتمەك، غولىماق.
تاش چۈشمەك.
ئۆزلىكىدىن ياكى مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن بوشاپ، ئۈزۈلۈپ تۆكۈلمەك.
چاچ چۈشمەك. چىش چۈشمەك.
ياغماق، پەيدا بولماق (يامغۇر، قار، قىراۋ قاتارلىقلار ھەققىدە).
قار چۈشمەك. قىراۋ چۈشمەك.
كۆچمە. ۋەزىپىسىدىن، ئەمىلىدىن، مەنسىپىدىن بوشىتىلماق، ئېلىپ تاشلانماق.
ئەمىلىدىن چۈشمەك. ۋەزىپىسىدىن چۈشمەك.
بىرەر دائىرە، مەلۇم بوشلۇق ئىچىگە كىرمەك؛ جايلاشماق.
يېزىغا چۈشمەك.
مەن شۇئان سەكرەپ پوكەينىڭ ئىچىگە چۈشتۈم.
سەپەردە، كۆزلىگەن جايغا بېرىپ توختىماق، قونماق.
مەنزىلگە چۈشمەك. سارايغا چۈشمەك.
بىرەر ئورۇننىڭ باشقۇرۇشى، ئىختىيارىغا ئۆتمەك، قامالماق.
تۈرمىگە چۈشمەك. زىندانغا چۈشمەك. قاماققا چۈشمەك.
ئارتىلماق، يۈكلەنمەك.
ھەركىم ئۆز زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
تەسىرى بىرەر نۇقتىغا، مەلۇم دائىرىگە يەتمەك، تارقالماق (ئاپتاپ، يورۇقلۇق، نۇر ھەققىدە).
كۈن چۈشمەك. ئاپتاپ چۈشمەك.
باشقا نەرسىدە، ئەكسى كۆرۈنمەك، پەيدا بولماق؛ ئەكس ئەتمەك.
كۆلەڭگە چۈشمەك. شولا چۈشمەك.
قۇش ئاسماندا ئۇچسا، سايىسى يەرگە چۈشۈپتۇ (ماقال).
پەيدا بولماق، ھاسىل بولماق، كۆرۈنمەك.
قۇرۇق چۈشمەك. داغ چۈشمەك. ئۆپكىگە سۇ چۈشمەك. تاۋۇز چۈشمەك.
ئىلىنماق، تۇۇتۇلماق، باغلانماق.
تورغا چۈشمەك. قاپقانغا چۈشمەك.
كۆچمە. دۇچ كەلمەك، ئۇچرىماق، يولۇقماق؛ پەيدا بولماق؛ تۇغۇلماق (غەم - ئەندىشە، تەشۋىش، شۈبھە، قىيىنچىلىق قاتارلىقلار ھەققىدە).
غەمگە چۈشمەك. ئارىغا زىددىيەت چۈشمەك.
بەزى كۈنلەردە، ئۇ قاتتىق تەشۋىشكە چۈشەتتى.
ئېرىشمەك، ئىگە بولماق، ئىگىلىمەك.
ئەگەر ئاكيونىڭ يېنىغا پۇل چۈشۈپ قالسا، دەرھال شىشىخال ئويناشقا ماڭاتتى.
كەلمەك، يەتمەك، ئوقتۇرۇلماق (ھۆججەت، ئالاقە، يوليورۇق ھەققىدە).
بۇ ھەقتە يۇقىرىدىن ھۆججەت چۈشتى.
ماس، دەل، توغرا، مۇۋاپىق، باب كەلمەك.
ئۇ بۇ تارتمىغا چۈشىدىغان ئاچقۇچنى ياسىغان ئوخشايدۇ.
بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە كىرىشمەك، باشلىماق؛ تۇتۇش قىلماق.
گەپكە چۈشمەك. مۇنازىرىگە چۈشمەك.
ئۇلار ئەمدىلا قىزىق پاراڭغا چۈشكەنىدى.
تاشلانماق، يۆتكەلمەك (كۆز ۋە ئۇنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە).
مىنىپ ئىلھام قۇشىغا، كەلدىم بۇلاق بېشىغا، كۆزۈم چۈشتى بۇلاقنىڭ تېگىدىكى تېشىغا.
بىكار بولماق، ئايرىلماق.
ئىشتىن چۈشمەك. خىزمەتتىن چۈشمەك.
يېپىلماق، توسۇلماق، ئېتىلمەك.
ئۇنىڭ كىيىۋالغان تامبىلىنىڭ بىر پۇچقىقى يوق، يالاڭ ئاياغ، بېشى ياغاق، ئارقا چېچى بولسا گەجەجگىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى.
كەلمەك، كەلتۈرمەك (ئەس، ياد، خىيال قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئەسكە چۈشمەك.
سەنئەت ئۆمىكىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنسىلا، مەرھۇم دادام يادىمغا چۈشەتتى.
يېتىپ كەلمەك، ۋاقتى بولماق.
قاراڭغۇ چۈشمەك. گۇگۇم چۈشمەك.
مەلۇم ھالەتكە كەلمەك.
ئىزىغا چۈشمەك. تەرتىپكە چۈشمەك.
ئىچىگە كىرمەك، چۆمۈلمەك، چۆممەك.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىككى چوكان بىللە مۇنچىغا چۈشۈپتۇ.
نىكاھلانماق، تەگمەك.
مەن دادىڭىزغا چۈشۈپ ئۈچ قىز تۇغدۇم.
ئورۇنلاشماق، قۇرۇلماق، قەد كۆتۈرمەك.
بۇ يېڭى شەھەر ياخشى جايىغا چۈشتى.
چېچىلماق، كۆمۈلمەك، تېرىلماق (ئۇرۇق ۋە قوش).
سىلىنىڭچە، ئۇرۇقنىڭ چۈشۈشى قانداقراق؟ - دېدى ئۇستا ئۆزى بىلەن بىللە تۇرغان بىر قانچە دېھقانغا قاراپ.
توختىماق، تۇرماق (ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئۇرۇندىلىشى ھەققىدە).
قىيىنغا چۈشمەك.
ئەڭ ياخشىسى، شۇ <چوڭ خەتلىك گېزىت> نى يازغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا ئاشكارا چىققاندا، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئاسانغا چۈشەتتى.
توختىماق، توغرا كەلمەك.
بۇ ئات ماڭا مىڭ يۈەنگە چۈشتى.
<- پ، - ىپ، - ئۇپ، - ئۈپ> قوشۇمچىلىرى بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلار بىلەن كېلىپ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ بىردىنلا، تۇيۇقسىز بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
يىقىلىپ چۈشمەك.
مەن تاغدىن غۇلاپ چۈشكەن كالىنى تىزراق سويۇۋېلىشقا ئالدىرايتتىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇخلىغاندا ھەرخىل ئوبرازلارنى، نەرسىلەرنى كۆرمەك، چۈش كۆرمەك.
توخو داڭگال چۈشەر، ئۆچكە جاڭگال چۈشەر (ماقال).
كۆچمە. ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق ئويلارنى ئويلىماق، خام خىيال قىلماق.
- نېمە، چۈشەۋاتامسەن، بۇنداق بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، - دېدى ئۇ كەسكىن قىلىپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
باغلىماق، چاتماق، كىشەنلىمەك.
ئاتنىڭ پۇتىنى چۈشىمەك.
كۆچمە. ئالغا بېسىش يولىنى توسىماق، قامال قىلماق.
دۆلىتىمىزنىڭ كونا جەمئىيىتىدە، فېئوداللىق ئەخلاق خەلق ئاممىسىنى مەھكەم چۈشەپ قويغانىدى.