Uyghur主要词典
چۈش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسم
ئۇخلاۋاتقان ئەھۋالدا، مېڭىدە كۆرۈنگەن نەرسىلەر.
چۈش كۆرمەك.* چۈشىگە كىرمەك.* چۈشى بۇزۇلماق.* چۈشۈممۇ _ ئۇڭۇممۇ.* ياخشى كۆرۈڭ.* چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمىنى دېمەيدۇ ( ماقال ).* بايۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرىدۇ ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
قۇياش تىك كۆتۈرۈلگەن چاغ. پېشىن. جۈمە ۋاقتى.
چۈشتىن ئىلگىرى، چۈشتىن كېيىن، چۈشكە يېقىن.* چۈشلۈك تاماق.* ئەخمەقنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن كېلەر ( ماقال ).* چۈش ئۇيقۇسى پادىشاھلىقتىنمۇ ياخشى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
چۈشمەك، چۈشۈش. 1. تۆۋەنگە، ئېگىزدىن پەسكە يۆنەلمەك.
تاغدىن چۈشمەك.* يوپۇرماق چۈشمەك.* قار چۈشمەك.* باھا چۈشمەك.* تېمپېراتورا چۈشمەك.* نۇر چۈشمەك.* ئاپتاپ چۈشمەك.* ئاتتىن چۈشسىمۇ، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ. ( ماقال ).* ئاتتىن چۈشتۈڭ _ ئېتەككە چۈشتۈڭ ( ماقال ).
2. قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرماق. ئايروپىلانغا چۈشمەك.* پويىزغا چۈشمەك.
3. بىرەر ھالەتكە گىرىپتار بولماق. قولغا چۈشمەك.* تورغا چۈشمەك.* قاپقانغا چۈشمەك.* دوست بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر ( ماقال ).
4. تۇرغان يېرىدىن ئاجرىماق. چىش چۈشمەك.* چاچ چۈشمەك.
5. بىرەر ئىش _ ھەرىكەتنى باشلىماق، بىرەر ئىش _ ھەرىكەتكە كىرىشمەك. پاراڭغا چۈشمەك.* ئىشقا چۈشمەك.* ئۇسسۇلغا چۈشمەك.* چېلىشقا چۈشمەك.
6. يۇيۇنماق. سۇغا چۈشمەك.* مۇنچىغا چۈشمەك.* ھاممامغا چۈشمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
جەريان باغلامچىسى. 1. بەزى ئىسىملار بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
داغ چۈشمەك.* قورۇق چۈشمەك.* مېھرى چۈشمەك.* قوغۇن چۈشمەك.* سۇ چۈشمەك.* ھاجىتى چۈشمەك.
2. جەريان باغلامىسى. « پ » لىك رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ ئۇلارنىڭ: 1( تۈگىگەنلىكىنى، ئاخىرىسىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ: ئاغدۇرۇلۇپ چۈشمەك.* سەكرەپ چۈشمەك.* 2) تۇيۇقسىز، بىردىنلا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇ كېتىپ بېرىپ يېقىلىپ چۈشتى.* مۇزدا تېيىلىپ چۈشتۈم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈندۈز سائەت 12 بولغان ۋاقىت
ئەخمەتنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن كېلەر. قىيام ۋاقتىدا كۈن نۇرى تىك چۈشىدۇ. پېشىن قازا بولمىسۇن.
پسىخولوگىيە
چۈش ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر خىل پسىخىكىلىق ھالەت.
ئادەم ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى تولۇق تورمۇزلانمىغان، بەزى ئورۇنلار يەنىلا ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرغاندا چۈش كۆرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ ياكى سىرتتىكى مەلۇم غىدىغلىغۇچىلار (مەسىلەن، ئاۋاز، نۇر، پۇراق قاتارلىقلار) بىزنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىمىزغا تەسىر كۆرسەتكەندىمۇ چۈش كۆرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا بايراملىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش مەنزىرىسىنى چۈشەش؛ يېمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك پۇرىقىنى پۇرىغاندا ئاشپۇزۇل ياكى ئۆيىدە تاماق يەپ چۈشەش. ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالار غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغاندىمۇ چۈش كۆرۈش مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇخلىغاندا قول كۆكرەكتە بولۇپ قالسا، تاش ياكى غەيرىي بىرنەرسىنىڭ ئادەمنى بېسىپ نەپەسنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالنى چۈشەش مۇمكىن؛ قىش كۈنلىرى ئۇخلىغاندا پۇت يوتقاننىڭ سىرتىغا چىقىپ قالسا، سۇ كېچىپ ماڭغان ياكى قاردا كېتىۋاتقان ئەھۋالنى چۈشەش مۇمكىن؛ ئۇخلىغاندا پۇت پۈكلىنىپ قالغان بولسا، ئۆزىنى بىرەرىنىڭ قوغلاۋاتقانلىقىنى، ھەرقانچە قىلىپمۇ مىدىرلىيالمايۋاتقانلىقىنى چۈشەش مۇمكىن؛ ۋەھاكازالار.
چۈش كۆرۈش چوڭ مېڭىنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ،ئەكسىچە مەلۇم ئالاھىدە ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق بولۇپ، بۇ ئاقسىل ئارقىلىق سىرتتىن ۋە بەدەننىڭ ئۆزىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى توپلاش، رەتلەش، ساقلاشقا بولىدۇ؛ چۈش كۆرۈش كەيپىياتتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى يوقىتىپ، ئادەمنىڭ پسىخىكىلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. چۈش كۆرۈش يەنە مەلۇم دەرىجىدە كېسەلدىن بېشارەت بېرىدۇ. كېسەل پەيدا بولۇشنىڭ دەسلىپىدە، چوڭ مېڭىگە ناھايىتى ئاز غىدىقلىنىش يېتىپ بارىدىغانلىقى، چوڭ مېڭە كۈندۈزى سىرتتىن كەلگەن خېلى كۈچلۈك نۇرغۇن غىدىقلاشلارنى قوبۇل قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، بەدەندىكى كېسەل ئالامەتلىرىنى ۋاقتىدا سېزەلمەيدۇ. ئۇخلىغاندا بولسا، سىرتتىكى غىدىقلاشلار يوق دېيەرلىك بولغاچقا، كېسەل ئۆزگىرىشىنىڭ غىدىقلىشى چوڭ مېڭىنىڭ ماس ئورۇنلىرىدىكى ھۈجەيرىلەر ھەرىكىتىنى قوزغىتىپ، كېسەل ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قاباھەتلىك چۈشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئالايلۇق، بەدەن قايرىلىشى ياكى دارغا ئېسىلىش جازاسىنى چۈشەش، چۆچۈپ ئويغانغاندىن كېيىن يۈرىكىنىڭ ئېغىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىش بەلكىم يۈرەك سانجىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن؛ ئەگەر چۈشىدە كېتىۋېتىپ توساتتىن بىرىنىڭ كەينىدىن ئۆزىنى تەپكەنلىكى ياكى بېلىگە پىچاق ئۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ بېلىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلسا، بەل ياكى بۆرەكتە يوشۇرۇن خەۋپ بارلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.
كىشىلەر چۈشىدە يەنە ئىجادىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىمۇ مۇمكىن. مېندېلېينىڭ چۈشىدە نۇرغۇن خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋرىي شەكىلدە تىزىپ چىقىلغانلىقىنى كۆرۈشى ئۇنىڭ ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋېلىنى تۈزۈپ چىقىشىغا ئىلھام بولغان. گېرمانىيە خېمىكى كېكولى بېنزول مولېكۇلىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىپ زادىلا نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن، بىر كۈنى ئۇ چۈشىدە بىر يىلاننىڭ ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى ئۆزى چىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان ھەمدە بېنزولنىڭ ھالقىسىمان تۈزۈلۈشىنى بايقىغان. كومپوزىتور تاجىن بىر قېتىم چۈشىدە ئۆزىنىڭ ئىسكىرىپكىسىنى ئالۋاستىنىڭ چېلىشىغا بەرگەنىكەن، ئالۋاستى ئىنتايىن يېقىملىق مېلودىيىلەرنى ياڭرىتىۋېتىپتۇ، ئۇ ئويغانغاندىن كېيىن، ئالۋاستى ئورۇندىغان مۇزىكىنى دەرھال خاتىرىلىۋېلىپ، دۇنياغا كەڭ تارقالغان »ئالۋاستى ناخشىسى«نى ئىجاد قىلغان. توغرا، »توخۇ دان چۈشەپتۇ« دېگەندەك، يۇقىرىقىدەك ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشى پۈتۈنلەي كۈندىلىك ئىجادىي ئەمگەك ئاساسىغا قۇرۇلغان، ئەلۋەتتە.
پسىخولوگىيە
كىشى ئۇخلىغاندىن كېيىنمۇ نۇرغۇن پسىخىك پائالىيەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ. مۇشۇ چاغدىكى روھىي پائالىيەتلەر چۈش دەپ ئاتىلىدۇ. چۇش ئىنتايىن ئاڭسىز خىيالىدىن ئىبارەت. ئەنئەنىۋى چۈشەندۇرۇش بويىچە، چۈش كىشى ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە پوستلىقىدا يۈز بەرگەن بىر خىل تارقىلىشچان تورمۇزلىنشتىن ئىبارەت. ئەگەر تورمۇزلىنىشنىڭ تەرەققىياتى كىشى بولماي قالسا، پوستلاق قەۋىتىنىڭ بىر مۇنچە مەركىزىي نۇقىتلىرىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى تورمۇزلانماي قالىدۇ. غىدىقلىغۇچنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلگىرى سېزىپ ئىدراك قىلىنغان شەيئىلەر ئوبرازى قايتا گەۋدىلىنىدۇ ھەمدە قايتا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن ئاڭسىز خىياللاردىن ئىبارەت بولغان چۈش سادىر بولىدۇ. بۇ خىل چۈشەندۇرۇش بويىچە، كىشى ئۇخلىغاندىن كېيىن چۈش كۆرسە، چوڭ مېڭىنىڭ تولۇق دەم ئېلىشىغا دەخلى قىلىدۇ. لېكىن ھازىرقى زامان پەن تەتقىقاتىنىڭ كۆرستىشىچە، چۈش كىشى ئۇخلىغاندىن كېيىن مۇقەررەر ھالدا يۈز بېرىدىغان بىر خىل پسىخىك پائالىيەت. نورمال چۈش كىشىنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر قىلمايلا قالماستىن ، بەلكى كىشىنىڭ نورمال پسىخىك پائالىيىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كاپالەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇيقۇ ۋە چۈش توغرىسىدىكى يېقىنقى تەتقىقاتلارنىڭ كۆرستىشىچە، كىشنىڭ ئۇيقۇسى ئىككى خىل بولىدۇ: ئۇنىڭ بىرى ئالاھىدە ئۇيقۇ، يەنە بىرى ئادەتتىكى ئۇيقۇ. چوڭلارنىڭ ئادەتتىكى ئۇيقۇسى 1 - 4 باسقۇچ بولىدۇ. ئادەتتىكى ئۇيقۇنىڭ 3 - 4 باسقۇچى بىلەن ئالاھىدە ئۇيقۇدا ھامان چۈش كۆرۈش بولىدۇ. لېكىن ئادەتتىكى ئۇيقۇدا كۆرگەن چۈشنىڭ ئۇقۇم خاراكتېرلىك كۇچلۈك، جانلىقلىقى ئاجىز، مەزمۇنى يېقىندا تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ئىبارەت بولىدۇ؛ ئالاھىدە ئۇيقۇ مەزگىلىدىكى چۈشنىڭ ئىدراك (بولۇپمۇ كۆزنىڭ ئىدراكى) خاراكتېرى كۇچلۈك بولۇپ، مەزمۇنى بىر قەدەر جانلىق ئاجايىپ - غارايىپ نەرسىلەردىن ئىبارەت بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇيقۇ جەريانىدا ھاسىل بولغان، ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە پائالىيىتى تولۇق توختاپ كەتمىگەن ئەھۋالدا، مېڭىدە ئەكس ئەتكەن ئوبرازلار، نەرسىلەر.
چۈشنى بۇزۇلماق.
كىشىدىكى پۇل - چۈشىدىكى پۇل (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قۇياش تىك كۆتۈرۈلگەن، سائەت 12 ياكى بىر بولغان مەزگىل.
ئەخمەقنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن كېلەر (ماقال).