Uyghur主要词典
چۈشكۈن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆكۈمەت پۇقراغا سالىدىغان خىراج - باج، ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەت.
«ھاشار» ئەمگەك كۈچى سېلىقى.
«سەيسى» خەنزۇچە: 差使
يۇرت بولسا، ئالۋان بولمىسا، تىنىج بولسا، مالىمان بولمىسا، ياتقانغا يان يوق، ئوپقانغا ئالۋان. ياساق ياندىكىلەرگە يان باسىدۇ. سەيسى سەلدەك كېلىدۇ. ھاڭرىمىغان ئېشەككە سېلىق ساپتۇ. سېلىقدىن قاچساڭ، ئېلىقى بار. ھاشارغا تۇتۇلغانلاردىن ساق كەلگەنلىرى يەنە ھاشارغا تۇتۇلۇپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. روھىي كەيپىياتى تۆۋەن، ئۈمىدسىز، مەيۈس، غەمكىن.
چۈشكۈن ئادەم.
كېۋىر ئاخۇننىڭ روھى تولىمۇ چۈشكۈن ئىدى.
ئى. سەپەر ياكى ساياھەت قىلىش جەريانىدا ۋاقىتلىق تۇرۇپ، ئارام ئېلىپ ئۆتىدىغان جاي؛ قونالغۇ.
- مەن يولدىن ئېزىپ كەتتىم، بىرەر چۈشكۈن تاپالماي يۈرىمەن، مېنى قوندۇرۇپ قېلىڭ، - دېدى يولۇچى.