Uyghur主要词典
چۈشەندۈرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<چۈشەنمەك> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
خاسىيەت شاڭخەيدىن يازغان خېتىدە، ھېلىقىدەك ھەرىكەتتە بولغانلىقىنى چۈشەندۈرگەنىدى.
چۈشەنچە بەرمەك، ئىزاھلىماق، شەرھلىمەك، بىلدۈرمەك.
ئۇ مەقسىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك چۈشەندۈرۈشكە تىرىشاتتى.
نەسىھەت قىلماق، تەربىيە بەرمەك.
ياق! نېمىلا بولسۇن، ئۇ مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم، چۈشەندۈرىمەن، قايىل قىلىمەن.