Uyghur主要词典
چۈشەكىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چۈش كۆرۈپ چۈشىدە سۆزلىمەك؛ كۆچمە مەنىدە ئاساسسىز، قۇرۇق گەپلەرنى قىلماق.
ئۇ تۈنۈگۈنكى يىغىندا جىق جۆيلىدى، ھېچكىم قۇلاق سالمىدى. جۆيلۈسەڭ، جېنىڭ چىقسۇن. چۈشەكىگەننىڭ گېپى لاۋزا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
چۈش كۆرمەك.
بۇ گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ غەپلەت ئويقۇسىدا چۈشەكەپ ياتقان بەخىرامان پەيتى ئىدى.
ئۇيقۇدا يېتىپ سۆزلىمەك؛ جۆيلىمەك.
بۇ بالا تۇيۇقسىزلا بىر قانچە رەت تېپچەكلىگەندىن كېيىن، چۈشەكەپ: - ئاپا! - دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
كۆچمە. ئەمەلگە ئاشمايدىغان شېرىن خىيالدا بولماق، خام - خىيال قىلماق.
مېنىڭمۇ تاپشۇرۇقۇم بار! ھەمىشە ئاق ئۇن يەيمىز دەپ چۈشەكەپ يۈرمەڭلار.