Uyghur主要词典
چوكان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەرگە تەگكەن ياش خوتۇن.
ئوغلۇڭ چوڭ بولسا يىگىت بولار، قىزىڭ چوڭ بولسا چوكان. ئاۋۇ چوكاننىڭ ھالىنى، ئۆتۈكۈمنىڭ نالىنى. تاشلاپ قاچىدىغان قىز بار، ئېلىپ قاچىدىغان جۇۋان. چىراغنىڭ ئۆچكىنى بورانغا غەم بولماس، يىگىتنىڭ ئۆلگىنى جۇۋانغا. چېچەن سېكىلەكنى ئوچاق بېشىدا سىنا.
شىۋىلەر
جۇۋان _ ياتلىق قىلىنغان ياش ئايال ( بەزى جايلاردا « چۆكەن » دېيىلىدۇ)؛ سۆگەتنىڭ يېڭى كۆكەرگەن ياش نوتىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياتلىق قىلىنغان ياش ئايال، جۇۋان.
چوكان ئالماق.
قېرى خوتۇن ياش بولدى، چوكانلارغا تەس بولدى (ماقال).
تېرەك، سۆگەت قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ ئەتىياز مەزگىلىدە بىخلىنىپ، كۆكەرگەن تېلى.
يامىشىپ سۆگەتلەرگە ئوينار ئىدىم، چوكاننى سۇندۇراتتىم، نەي ياسايتتىم.